مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاخىرقى كېسىمدە ئەسلى ھۆكۈم ساقلاپ قېلىندى!

2022.01.13 11:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 13- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 11-چېسلا خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا شىنجاڭدىكى تۇنجى ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ نام-ئابرۇيى ۋە شان-شۆھرىتىگە دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلوسى توغرىسىدا ئاخىرقى كېسىم چىقارغان.

  يېقىندا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ نام-ئابرۇيى، شان-شۆھرىتىگە دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈش جىنايىتى ھەمدە قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئاممىۋىي پاراۋانلىق دەۋاسى 2-سوت دېلوسىنى قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت قىلدى. 2021 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، گۇما ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ نام-ئابرۇيى ۋە شان-شۆھرىتى ھەم ئاممىۋىي پاراۋانلىق دەۋاسى دېلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، جاۋابكار لىX كە ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ نام-ئابرۇيى، شان-شۆھرىتىگە دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكتىن، يەتتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن ھەم مەملىكەت خاراكتېرلىك تاراتقۇلاردا ئاشكارا ناماقۇل بولۇپ، تەسىرىنى تۈگەتكەن. جاۋابكار لى X بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، 2021 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان، 12 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت تەشكىللەپ، ئاشكارا سوت ئېچىپ بۇ دېلونى قاراپ چىققان.

  قاراپ چىقىش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، ئەسلى ھۆكۈمدە لى X ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ نام-ئابرۇيى ۋە شان-شۆھرىتىگە دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتىنىڭ مەزمۇنى ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن، مەزكۇر مەھكىمە ئەسلى ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى لى X كۆز بويامچىلىق قىلىپ، قۇرۇق گەپ سېتىپ باشقىلارنى ئاغزىغا قارىتىپ، تېتىقسىز قول ئىشارىسى ۋە ھۆرمەتسىز قىياپەت بىلەن سۈرەتكە تارتىپ تورغا چىقارغان، يېقىن دوستى ياخشى نىيەت بىلەن بۇ تۈردىكى سۈرەتلەرنى تورغا چىقىرىشنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىپ ئارقىدىنلا يەنە بىر قېتىم يوللاپ، تېتىقسىز سۈرەتلەرنى توردا تېزلىكتە تارقىتىپ، ئاممىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغاپ، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ جىنايىتىنىڭ سۇبيېكتىپ يامان خاراكتېرى چوڭقۇر، جىنايەت قىلمىشى ئېغىر. ئەسلىي قاراپ چىققان سوت مەھكىمىسى لى X نىڭ قەھرىمان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ نام-ئابرۇيى ۋە شان-شۆھرىتىگە دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈش جىنايىتىگە مۇددەتلىك يەتتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىش ۋە مەملىكەت خاراكتېرلىك تاراتقۇلاردا ئاشكارا ناماقۇل بولۇپ، تەسىرىنى تۈگىتىش ھۆكۈمى جىنايى جاۋابكارلىق جازاغا ماس كېلىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن، جىنايەت بېكىتىش توغرا، جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق بولغان دەپ قارىغان.

  بۇ دېلودا ئەسلىي ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن پاكىت ئېنىق، دەلىل ئىسپات راست، تولۇق، خاراكتېرىنى بېكىتىش توغرا، جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق، قاراپ چىقىش تەرتىپى قانۇنلۇق. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 236- ماددا 1-تارمىقىنىڭ 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، نارازىلىق ئەرز رەت قىلىنىپ، ئەسلىي ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىنىدۇ، بۇ كېسىم ئاخىرقى كېسىم بولىدۇ.

  قاراپ چىقىشقا قاتناشقان سودىيە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ دېلودا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قەھرىمان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى قەتئىي مەيدانى تولۇق نامايان قىلىنغان، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قەھرىمان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىنقىلابىي جاسارىتىنى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قەھرىمان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شان-شۆھرىتىنى قوغداپ، قەھرىمان ئىنقىلابىي قۇربانلاردىن ئۆگىنىش، قەھرىمان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۇلۇغلاشتەك ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشقا پايدىلىق. بۇ دېلوغا قانۇن بويىچە ئوچۇق قاراپ چىقىش پۈتكۈل جەمئىيەتكە نىسبەتەن مۇھىم تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە، قەھرىمان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تۆھمەت قىلىشقا، قانۇنغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا بولمايدۇ، تور مۇھىتىمۇ قانۇننىڭ چەكلەش دائىرىسىدە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە روھىنى خالىغانچە بۇرمىلىشىغا، خۇنۈكلەشتۈرۈشىگە، ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشىغا ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئېغىر خىرىس قىلغانلىق بولۇپ، جەزمەن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ