مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل بۇ تۈردىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2022.01.12 11:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 10-چېسلا «2022-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق پېداگوگىكا داشۆلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن پېداگوگىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى ئېلان قىلىپ، 2022-يىلى پېداگوگىكا داشۆسىدە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن پېداگوگىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق تەشكىللەپ، بوش ئىشتات بىلەن قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ئالدىن پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشتات ۋە ئىش ئورنىغا ئىگە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىشتات بولسىمۇ تولۇقلاپ بەرمەسلىك» نى قاتتىق چەكلەپ، ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. 2022 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %90 ىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك تاللاش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان مەكتەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 2022-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنىلا كېلىشىم ئىمزالىمىغان ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارخىپى، نوپۇسى قاتارلىقلار ئوقۇشقا تىزىملىتىشتىن بۇرۇنقى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا يۆتكەپ كېلىنىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل رايونلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان مەكتىپىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ھۆججەتتە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، ھەرقايسى ئالاقىدار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى كىرگۈزۈشتىكى رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي تۈزۈپ، تەمىنات كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆلكىگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا، ئۆمۈرۋايەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلىشى كېرەك. ئىشتات ۋە ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش، مائاش تارقىتىش، تەمىناتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كاپالەت تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشى، خاتىرجەم ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىنكى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشنى «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى» «ئۆلكە تەربىيەلەش پىلانى»غا كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگۈزۈش بويىچە تەربىيەلەش، ئىش ئورنىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئۆمۈرلۈك ئۆسۈپ يېتىلىشىنى داۋاملىق قوللىشى كېرەك. جايلار يېزا، كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش، جاپالىق، چەت، يىراق رايونلارغا ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىلارغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشى ئۈچۈن ئىش بېجىرىش سورۇنى، ياتاق قاتارلىق زۆرۈر خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىپ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان جايلارغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەھۋالغا قاراپ پېداگوگىكا داشۆلىرىنىڭ شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى قىسقارتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ