مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: تالىشىپ قېزىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ!

2022.01.12 10:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «14-بەش يىللىق ئاممىۋىي مۇلازىمەت يىرىك پىلانى» غا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى چاۋ گۈيمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى، ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇغۇچىلار مەنبەسىنىڭ ئېقىپ كېتىش مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھىيە دۇچ كەلگەن ئومۇميۈزلۈك مەسىلە، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى «14 ـ بەش يىللىق ئاممىۋىي مۇلازىمەت يىرىك پىلانى» ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلە بولۇپ، پىلاندا ناھىيەلەردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  بۇلتۇر 12-ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق «<14-بەش يىل> دە ناھىيەلەردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت پىلانى» نى بېسىپ تارقىتىپ، ناھىيەلەردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلىدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، يەنىلا ناھىيەلەردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش جەھەتتە، «ھەرىكەت پىلانى»دا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جايلار ناھىيە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش مەسئۇلىيىتى ۋە ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، «پۇقرالار تەڭ قوبۇل قىلىش» ۋە تەۋەلىك بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، زامانىۋى تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىۋاتىدۇ. جايلاردىن ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تور سۇپىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلارنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تور سۇپىسى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە قوبۇل قىلىش جەريانىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، بىرىنچىدىن، ناھىيەدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. جايلاردىن مەركەزنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتات ئۆلچىمى ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلچەم، شەرت بويىچە ناھىيەدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقتىدا تولۇقلاش تەلەپ قىلىندى. ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، يەنى بىز دەۋاتقان «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار پىلانى»دىن ئىبارەت. ئىككىنچىدىن، ناھىيەلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جايلارنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورنى نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنى تەسىس قىلىشنى ناھىيەگە مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇپ، ناھىيەدىكى ئۈنۈم مائاشى ئومۇمىي مىقدارىنى مۇۋاپىق تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئۈنۈم مائاشىنى ئىچكى قىسىمدا تەقسىملەشنى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا مايىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش. ئۈچىنچىدىن، ناھىيەدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تالىشىپ قېزىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. جايلاردىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۆتكىلىش رەسمىيىتىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ بېجىرىشنى، تەرەققىي تاپقان رايون، شەھەر رايونىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئاجىز رايون، ناھىيەلەرگە بېرىپ مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تالىشىپ قېزىشىنى قاتتىق چەكلەش تەلەپ قىلىندى. ئەڭ ئاخىرىدا ناھىيەدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار تايانچلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى، ئۆلكىلەر ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەپ، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى..

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ