مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى باھالاش كۆرسەتمىسى: نوقۇل ئىمتىھان نەتىجىسى ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىگە قاراپ مەكتەپلەرگە باھا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك

2022.01.11 14:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاينىڭ 11- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 10-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى باھالاش قوللانمىسى» نى بېسىپ تارقىتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى، دەرس ئوقۇتۇشى، ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىياتى، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەرنى مەكتەپلەرنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلغان. باھالاش قوللانمىسىدا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: نوقۇل ئىمتىھان نەتىجىسى ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە باھا بېرىش خاھىشىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ ئوبيېكتىپ نەتىجىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، يىللىقلار، سىنىپلار، ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆرلەپ ئوقۇش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرمەسلىك، ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش ۋە ئۇنۋانىنى ئۆستۈرۈشكە باغلىۋالماسلىق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى «ئەلىيۇل ئەلاسى» ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى ئېلان قىلماسلىق، تەشۋىق قىلماسلىق، كۆپتۈرمەسلىك كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ