مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىشلىق تەتىل توغرىسىدا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقتۇرۇش كەلدى!

2022.01.10 19:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىشلىق تەتىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قوش كېمەيتىش» خىزمەت نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشتەك كونا ھالەتنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، كەڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام، تولۇق، ئىللىق، ئىناق دەم ئېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى «قوش كېمەيتىش» خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشىگە قارىتا، ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار قىشلىق تەتىلدە «قوش كېمەيتىش» خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى كېرەك. كۈندىلىك تەكشۈرۈشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى تور سىرتىدا پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس باشلاش، ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تور سىرتىدىكى پەن تۈرىدە (چەت ئەل تىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش، پەن تۈرىدىن باشقا تۈردىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا «ساپانى كېڭەيتىش»، «تەپەككۇر مەشىقى قىلىش» قاتارلىق نامدىن ھالقىپ پەن تۈرىدە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، «ئائىلە مۇلازىمىتى»، «ئاۋام غەملەپ خۇسۇسىي ئوقۇتۇش»، «تەتقىقات» قاتارلىق ناملاردا شەكلى ئۆزگەرگەن قائىدىگە خىلاپ تەربىيەلەشكە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. پۈتۈن تور بويىچە چارلاپ تەكشۈرۈش، پۈتۈن ۋاقىت چارلاپ تەكشۈرۈش بىلەن نۇقتىلىق كۆزىتىش بىرلەشتۈرۈلگەن كۆزىتىش مېخانىزمى ئارقىلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پەن تۈرىدە تەربىيەلەش ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار باسقۇچىدىكى توردا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزىتىش لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قاتتىق جازالاش، ئېغىر جازالاشنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چارلاش جەريانىدا بايقالغان قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەش قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاپ، ئاق-قارا تىزىملىكنى قەرەللىك يېڭىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى «بىر يەردە لەۋزىدە تۇرمىسا، ھەممە يەردە چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان» قىلىش كېرەك. ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش، چۆچۈتۈش ھالىتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىپ، جايلار يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، مەھەللە ئاممىسى قاتارلىقلارنى جەمئىيەت نازارەتچىسى قىلىپ تەكلىپ قىلىپ، يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش مەنبەسىنى بېيىتىشى كېرەك. پاش قىلىش يىپ ئۇچىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، بېجىرىشنى تېزلىتىپ، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، جايلار مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىللىك يازما تاپشۇرۇق ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش، تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. شارائىتى بار جايلار ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قىشلىق تەتىللىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ قىشلىق تەتىللىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش، يېڭى دەرس ئۆتۈشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. زور كۈچ بىلەن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئىلمىي ئادەم تەربىيەلەش قارىشىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئىستېمال ئەسكەرتىشىنى ئېلان قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشكە ئەقلىي قاراپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاشقا يېتەكلەش كېرەك. ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى پائال ئۈستىگە ئېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. مۇزېي قاتارلىق تۈرلۈك مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەت سورۇنلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مول مەزمۇنلۇق قىشلىق تەتىللىك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنى ئەھمىيەتلىك قىشلىق تەتىل ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ