مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ ئىككى شىنجاڭلىق ئاكا تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى

2022.01.06 19:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ كورلىدىن جياڭسۇ شۈجوۋنىڭ پېيشيەن ناھىيەسىگىچە بولغان 4700 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يولدا سەككىز كېچە-كۈندۈز ھەقسىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ بەرگەن ئىككى شىنجاڭلىق يىگىت تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى.

  بۇلتۇر 10-ئايدا، جياڭسۇلۇق شوپۇر جاۋ شۈلېي ئايالى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ پاختا توشۇش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، شۇ جايدىكى ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى مەنسۇر پەتتار ۋە مەمەت نۇردۇن بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدى، 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، جاۋ شۈلېي شىنجاڭدا يۈك قاچىلاۋاتقاندا تاسادىپىيلىق يۈز بېرىپ، سول كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى.

  مەنسۇر خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋ شۈلېيگە ياردەملىشىپ، دوختۇرخانىدا يېتىش قاتارلىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىپ بەردى. جاۋ شۈلېينىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىپ داۋالىنىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ، مەنسۇر جاۋ شۈلېي ئەر-خوتۇن ئىككىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ مۇنداق دېدى: «مەن يۈك ماشىناڭلارنى يۇرتۇڭلارغا ئاپىرىپ قويسام بولامدۇ؟»

  شۇنداق قىلىپ، جاۋ شۈيلېي بېيجىڭغا كېسەل كۆرسەتكىلى كەتتى. مەنسۇر بىلەن مەمەت يۈك ماشىنىسىنى ھەيدەپ، جياڭسۇ پېيشيەن ناھىيەسىگە باردى. جاۋ شۈلېيگە ئارتۇقچە خىراجەت پەيدا قىلماسلىق ئۈچۈن، مەنسۇر بىلەن مەمەت يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، جياڭسۇغا توشۇلىدىغان بىر تۈركۈم ماللارنى ئۇقۇشتى.

  مەنسۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پۈتۈن مۇساپىگە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدۇ، توشۇش ھەققى بىر قىسىم خىراجەتنى تىجەپ قالىدۇ، قالغان پۇلنى ئىككىمىز ئورتاق ئۈستىمىزگە ئالىمىز، ئۇ بىر تىيىنمۇ چىقارمايدۇ.»

  2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەن، ئىككىيلەن ئۆيدە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ماشىنا ھەيدەپ يولغا چىقتى، يولدا نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىپ، قورسىقى ئاچسا ئەپلەپ-سەپلەپ قورساق تويغۇزدى.

  شۇنداق قىلىپ، سەككىز كېچە-كۈندۈزدە 4700 كىلومېتىر يولنى بېسىپ، 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، مەنسۇر بىلەن مەمەت جياڭسۇ پېيشيەن ناھىيەسىگە يېتىپ باردى.

  ئەسلىدە چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىنى يەتكۈزۈپ قويۇپلا شىنجاڭغا قايتىپ كەلمەكچى بولغان ئىككىسىنى جاۋ شۈلېي پۈتۈن كۈچى بىلەن تۇتۇپ قالدى: «دوختۇرخانىنىڭ ئىشىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپلا قايتىمەن، چوقۇم سىلەرگە يۈزتۇرانە رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك.»

  ئىككى كۈندىن كېيىن، جاۋ شۈيلېي بېيجىڭدىن جياڭسۇنىڭ پېيشيەن ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  بۇ ئىشتىن كېيىن مەنسۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ كۆپ ئويلىمىغان، دوستۇم شىنجاڭدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا چوقۇم ياردەم قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشى كېرەك، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى.»

  جاۋ شۈلېي ھازىر شۈجوۋدىكى يۇرتىدا دەم ئېلىۋاتىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «سالامەتلىكىم سەل ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئايالىم بىلەن شىنجاڭغا بۇ ئىككى قېرىندىشىمنى كۆرگىلى بارىمەن.»

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭلىق بۇ ئىككى يىگىت ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتايلى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ