700 مىڭ يۈەنلىك ئوكۇل 33 مىڭ يۈەنگە چۈشتى!

2022.01.04 11:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاينىڭ 4- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلگىرى بۇ دورا قىممەتلىكىدىن بىزدىن بەك يىراق ئىدى، قىممەتلىكىدىن تىلىمىزنى چىكىلدىتىپلا قالاتتۇق، مانا ئەمدى بۇ دورىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق» 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى سائەت 7:00 ئەتراپىدا، شەندۇڭ ئۆلكىسى زاۋجۇاڭ شەھىرىدىكى تۆت ياشلىق يۇلۇن خاراكتېرلىك مۇسكۇل يىگلەش كېسىلى (SMA)گە گىرىپتار بولغۇچىغا ئوڭۇشلۇق ھالدا نىشانلىق داۋالاش دورىسى نۇسىرېنسېن ئوكۇلى ئۇرۇلغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ ئانىسى خۇشاللىقىدىن يىغلاپ كەتتى.

  يۇلۇن خاراكتېرلىك مۇسكۇل يىگلەش كېسىلى ئىرسىيەت خاراكتېرلىك نېرۋا مۇسكۇل كېسەللىكلىرى تۈرىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، دۆلىتىمىزدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا بۇ كېسەلنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تەخمىنەن 1/6000 دىن 1/10000 گىچە بولماقتا، نۆۋەتتە تەخمىنەن 30 مىڭدىن ئارتۇق بىمار بار. شەندۇڭ داشۆسى چىلۇ دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئىرسىيەت مېتابولىزمى كېسىلى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر كەسپىنىڭ مۇدىرى جاۋ يۈيىڭ مۇنداق دېدى: نۇسىرېنسېن ئوكۇلى ئېلىمىزدىكى يۇلۇن خاراكتېرلىك مۇسكۇل يىگلەش كېسىلىنى داۋالاشتا تۇنجى تۈركۈمدە تەستىقلانغان ئىمپورت دورا. 2019 ـ يىلى جۇڭگو بازىرىغا كىرگەندە، ھەربىر ئوكۇلنىڭ باھاسى 700 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىدى، ئۇنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بەرداشلىق بېرەلمەيتتى.

  2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 74 خىل يېڭى دورىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈشنى ئېلان قىلدى، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان «يۇقىرى باھالىق جاننى قۇتقۇزىدىغان دورا» بۇ ئوكۇلمۇ شۇ قاتاردا ئىدى. سەككىز قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن، بۇ ئوكۇل 33 مىڭ يۈەنلىك باھا بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىدىكى دورا مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ نۇرغۇن ئاغرىقلارغا ئۈمىد بېغىشلىدى.

  زاۋجۇاڭ شەھىرى شىجۇڭ رايونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن چىن مۇنداق دېدى: دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىدىكى يېڭى دورا مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى دەرھال تەۋەلىكىدىكى ئاغرىقلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلاشتى. بىمارنىڭ دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجى بېكىتىلگەندىن كېيىن، دورا كارخانىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقە قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا بىمارنىڭ دەل ۋاقتىدا دورا بىلەن قۇتقۇزۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  «2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، بىز ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن جاننى قۇتقۇزۇش ئەڭگۈشتىرى تېپىۋالغاندەك خۇشال بولدۇق، بالىمىز ياخشى سىياسەتكە ئۇلىشىۋالدى» دېدى بىمارنىڭ ئاپىسى، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىدىكى يېڭى دورا مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىنغان كۈنى دەل بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، بۇ بالىمىزغا ئەڭ كاتتا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى بولدى.

  «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى يەنە كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا زاۋجۇاڭ شەھىرىنىڭ تولۇقلىما سودا سۇغۇرتىسى <زاۋخۇيباۋ> نى بېجىرىپ بەردى، كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا تۇنجى يىلى ئالتە قېتىم، ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ھەر تۆت ئايدا بىر قېتىم ئوكۇل سېلىنىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش، تولۇقلىما سودا سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەر يىلى ئۆز يېنىدىن نەچچە ئون مىڭ يۈەن چىقىرىپ، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى» دېدى چېن چىن.

  زاۋجۇاڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بالىلار ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن شياۋشى مۇنداق دېدى: بالىغا ئوكۇل سېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، تۈرلۈك ھاياتلىق ئالامەتلىرى نورمال بولدى. تۆت ياشلىق بۇ بالا ئوكۇل ئۇرغۇزۇشتىن بۇرۇن كۈلۈپ تۇرۇپ ئاتا-ئانىسىغا: «ئوكۇل سالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇچالايمەن» دېگەن دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ