يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار بىر كىچىك ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ قالدى

2022.01.04 11:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاينىڭ 4- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى خادىملار تۇغۇلغىنىغا ئاران 19 سائەت بولغان تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بىر قىز بوۋاقنى قۇتقۇزۇپ قالدى...

  بۇ ئوماق قىز يېڭى يىل ھارپىسىدا تۇغۇلغان، بىراق خۇشاللىققا چۆمۈلگەن ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆپرەك يېقىنلىشىشقا ئۈلگۈرمەيلا دوختۇرلار تەرىپىدىن ئېغىر كېسەل، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ئىدى. «بۇ خىل كېسەللىكنى ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، ئاساسلىق قىزىل قان تومۇر بىلەن ئۆپكە قىزىل قان تومۇرى پۈتۈنلەي تەتۈر بولۇپ تۇغۇلۇشتىن ئىبارەت» ەديدۇ مۇدىر دوختۇر فەن شياڭمىڭ، ئۇ يەنە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ۋاقىتتا ئاساسلىق قىزىل قان تومۇر بىمارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئوكسىگېن يېتىشمىگەن كۆك قان تومۇر قېنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ بىماردا ئېغىر دەرىجىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئەڭ مۇرەككەپ تۇغما يۈرەك كېسەللىكىنىڭ بىرى، بۇ بالىنىڭ دالانچە ئارىلىق پاسىلى كەمتۈكلۈكىمۇ ناھايىتى كىچىك، پەقەت ئۈچ مىللىمېتىرلا كېلىدۇ، ناھايىتى ئاسانلا ئېغىر دەرىجىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش ھەتتا يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چوقۇم تېزدىن ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك! ئەھۋال جىددىي، 1-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن نۇرغۇن بۆلۈملەرنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىشى بىلەن، قىز بوۋاقنىڭ ئاساسلىق قىزىل قان تومۇرىنى تەڭشەش ئوپېراتسىيەسى قىلىندى، چۈنكى بىمار تۇغۇلغىنىغا تېخى بىر كۈن بولمىغاچقا، بەدەن توقۇلمىلىرى ئىنتايىن يۇمران، يۈرىكى كەپتەر تۇخۇمىچىلىك كېلەتتى. بۇنداق كىچىك يۈرەكنى ئوپېراتسىيە قىلىشتا دوختۇرنىڭ تاشقى كېسەللىكلەردىكى تىكىش ماھارىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئوپېراتسىيە جەريانىدا بىمارنىڭ يۈرىكىدىكى ئىككى تال چوڭ قىزىل قان تومۇرىنى يۆتكەپ كېلىش ھەمدە تاجسىمان قىزىل قان تومۇرنىڭ ئالدى-كەينىنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن نەچچە مىڭ تال يىڭنە تىكىشكە توغرا كېلىدۇ، پەقەت بىر تال يىنە سانجىشتىن قان چىقسا بالا ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدىن چۈشەلمەيدۇ.

  بۇ قېتىمقى «جەڭ»نىڭ يەنە بىر چوڭ خىرىسى ئوپېراتسىيە جەريانىدا بىمارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى 20گە چۈشۈرۈش، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن يەنە تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولۇپ، پۈتكۈل جەريان ئىنتايىن خەتەرلىك، ۋاقىت بىر مىنۇت بىر سېكۇنتتىن ئۆتمەكتە، ھەر بىر قېتىملىق مەشغۇلاتتا دوختۇرلار نەپەسنى توختىتىپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن تۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئەركىن ۋە ماس كېلىدىغان تاجسىمان تومۇردا ئاجىز قان تومۇرنى قايتا ياسىغاندا، فەن شياڭمىڭنىڭ مەشغۇلاتى خۇددى يىڭنىنىڭ ئۇچىغا خەت ئويغاندەەك مۈشكۈل ھەم ئىنچىكە ئىدى ...

  ئەڭ ئاخىرىدا، تېببىي خادىملار ئۇدا ئالتە سائەت جاپالىق كۈرەش قىلىپ، قىز بوۋاقنىڭ قىزىل قان تومۇر ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

  ئوپراتسىيەدىن كېيىن بىمار بالىلار يۈرەك مەركىزى كۆزىتىش ئۆيىگە ئاپىرىلىپ داۋالانماقتا، ھازىر بالىنىڭ قان ئايلىنىشى مۇقىم، ماددا ئالمىشىشى ياخشى، ھەر جەھەتتىكى ھاياتلىق ئالامەتلىرى بىر قەدەر مۇقىم. بالىنىڭ ئەھۋالى تىلغا ئېلىنغاندا، فەن شياڭمىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى بىر كىچىك جاننى قۇتقۇزۇپ قالالىغىنىمىزدىن بارلىق تېببىي خادىملار ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ