ياخشى باشلىنىش!

2022.01.04 11:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاينىڭ 4- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 22 دىن 35 مىنۇت 38 سېكۇنت ئۆتكەندە، ئېلىمىز 3-ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىرى «خۇالۇڭ 1- نومۇر»نى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ، يېڭى يىلدا «ياخشى باشلىنىش» كۈتۈۋېلىندى:

  جۇڭگو يادرو گۇرۇھى فۇچىڭ يادرو ئېلېكتىر 6- نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ تورنى بىرلەشتۈرۈشى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئېلېكتىر تورىغا بىرىنچى كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈشنى باشلاپ، بۇ دۇنيا بويىچە 3- ئورۇندا، ئېلىمىز بويىچە 2- ئورۇندا تۇردىغان «خۇالۇڭ 1-نومۇر» تورلاشتۇرۇلغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى بولۇپ قالدى.

  «خۇالۇڭ 1- نومۇر» نۆۋەتتە يادرو ئېلېكتىر بازىرىدا ئالقىشلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئۈچىنچى ئەۋلاد يادرو گېنېراتورلار تىپىنىڭ بىرى.

  ھەر بىر «خۇالۇڭ 1- نومۇر»لۇق گېنېراتور گۇرۇپپىسىنىڭ يىللىق توك چىقىرىش ئىقتىدارى 10 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى 1 مىليون نوپۇسنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان توك ئېھتىياجىنى قامدىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ھەر يىللىق ئۆلچەملىك كۆمۈر سەرپىياتىنى 3 مىليون 120 مىڭ توننا، كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 8 مىليون 160 مىڭ توننا ئازايتقانغا، يەنە 70 مىليون تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلغاندا ھاسىل قىلىنغان كاربونسىز ھاۋاغا باراۋەر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ