مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، غەربىي رايون يېزىلىرىغا 63 مىڭدىن ئارتۇق نىشانلىق تولۇق كۇرس تېببىي ئوقۇغۇچىسى ھەقسىز تەربىيەلەندى

2021.12.30 11:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاينىڭ 30- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 29- چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى يېزىلارنىڭ تولۇق كۇرس تېببىي كەسپىگە نىشانلىق ھەقسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە 63 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيەلەنگەنلىكىنى تونۇشتۇردى. كۆزگە كۆرۈنگەن دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش پىلانى 2.0 بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تولۇق كۇرس كەسىپ قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىن 196 نى قۇرۇشنى قوللاپ جىددىي ئېھتىياجلىق يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېزا ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رايونلىرىغا داۋاملىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پىلانىنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 820 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى؛ «بىر كەنتتە بىر ئىستۇدېنت بولۇش پىلانى» نىڭ دەرىجىسى «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانى» غا ئۆستۈرۈلۈپ، جەمئىي 870 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 550 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ