مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە% 70 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 10 سائەت، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 9 سائەت بولۇش» تەلىپىگە يەتكەن ياكى يېقىنلاشقان

2021.12.23 13:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «بەش تۈرلۈك باشقۇرۇش» خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى. ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە% 98.7 مەكتەپ ئۇخلاش ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورناتقان، % 96.1 باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە% 97.4 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ چۈشتىن بۇرۇن دەرس ئۆتۈش ۋاقتىنى «باشلانغۇچ مەكتەپ سائەت 8:20 دىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سائەت 8:00دىن بۇرۇن بولماسلىق» دېگەن بەلگىلىمىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاز ساندىكى رايونلار ۋاقىت پەرقى سەۋەبىدىن شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان مەشغۇلات ۋاقتىنى بېكىتكەن. 77 مىليون 140 مىڭ پارچە نامسىز تەكشۈرۈش قەغىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە% 76.2 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى «باشلانغۇچ مەكتەپتنىڭ 10 سائەت، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتنىڭ 9 سائەت» بولۇش تەلىپىگە يەتكەن ياكى يېقىنلاشقان بولۇپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا خېلى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، بەزى مەكتەپلەر يەنە چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇخلاش ۋاقتىنى ياخشىلاشتا ئىجابىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ