مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2022- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى

2021.12.22 12:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاينىڭ 22- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 12- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ. ئىمتىھانغا ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ج خ ئورگانلىرى، ئىنتېرنېت تور ئۇچۇرى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئىمتىھان مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھانغا ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەردىن بىرىنى بايقىسا، بىرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ، ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  ھازىر 2022- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نازارەت قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  2022- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونى

  (2021- يىلى 12- ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ