مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يىراقتىن مۇھاكىمە قىلىش – كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ «يېڭى دەۋردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمگەك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش»نى چۆرىدەپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2021.12.15 10:19 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12–ئاينىڭ 13–كۈنى بېيجىڭدا «يېڭى دەۋردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمگەك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش» بويىچە توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يىراقتىن مۇھاكىمە قىلىش – كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمگەك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەمگەك تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئىستېتىك تەربىيە، ئەخلاق تەربىيەسى، ئەقلىي تەربىيە، تەنتەربىيە بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ماركسىزملىق ئەمگەك قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  سىياسىي كېڭەشنىڭ توققۇز ئەزاسى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ۋە تيەنجىن، جياڭسۇ، خەينەن تۆت يىغىن مەيدانى ھەمدە يان تېلېفوندا سىنلىق ئۇلاش شەكلىدە سۆز قىلدى، 80گە يېقىن ئەزا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىدا پىكىر ئېلان قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەمگەك تەربىيەسىگە بولغان تونۇشى تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىپ، پائال ئىزدىنىپ ئالغا سىلجىتىلىپ، تەدبىرلەر توختىماي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ چەتلىشىش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولماقتا، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئەمگەك تەربىيەسى يەنىلا بىر كەمتۈكلۈك بولۇپ، خىزمەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇغا دۇچ كەلدى، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي تىرىشىش كېرەك.

  ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئەمگەك تەربىيەسى دەرسلىكىنى ئىلمىي تەسىس قىلىپ، ئالاقىدار دەرسلىك، ئوقۇتقۇچى قاتارلىق ئۆلچەملەرنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئەمگەك بار، مائارىپ يوق»، «مائارىپ بار، ئەمگەك يوق» بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈگىتىش كېرەك. ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىكى «بەش تەربىيە»نى تۇتاشتۇرۇپ، ھەرقايسى پەنلەر بىلەن ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئەمگەك تەربىيەسىنى ئاشكارا باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، زاۋۇت، كان، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئەمگەك ئەمەلىيىتى سورۇنلىرىنى ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمگەك ئوقۇتۇش مەيدانلىرى كەمچىل بولۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش كېرەك. شارائىتى بار پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى ئەمگەك تەربىيەسىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەمگەك تەربىيەسى دەرسىنى ئۈستىگە ئالغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەپ، مەخسۇس ۋەزىپە بىلەن قوشۇمچە ۋەزىپە بىرلەشتۈرۈلگەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى ئۆگىتىدىغان ئادەم بولۇش، ياخشى ئۆگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئائىلىنىڭ ئەمگەك تەربىيەسىدىكى ئۇللۇق رولىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ توغرا ئائىلە تەربىيەسى قارىشى ۋە ئەمگەكنى قەدىرلەش، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىشتەك ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئائىلە ۋە مەكتەپلەرنى ئەمگەك ۋەزىپىسى تىزىملىكىنى ئورتاق تۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەمگەك تەربىيەسى بىلەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك تەربىيەسى كاپالىتى ئەھۋالىنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش، ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش، ئەمگەك ئەمەلىيىتى ئەھۋالىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. «ئەمگەك شەرەپلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ» دەيدىغان ئاساسىي مېلودىيەنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشلىمەي چىشلەيدىغان، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىدىغان بارلىق خاتا قاراشلارغا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئەمگەك تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، لۇ جەنگۇڭ، لى بىن، ليۇ شىنچېڭ يىغىنغا قاتناشتى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن جاڭ جېڭۋېن، دۇەن خۇڭ، تاڭ جياڭپېڭ، ما جىڭلىن، جيا چۇاڭشيۇڭ، پەن چۈنلېي، شى يىيۈن ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەردىن مىڭ جيەنپىڭ، لى ۋېي سۆز قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى نەق مەيداندا كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ