مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ خىلدىكى App لەر ۋاقتىنچە توردىن چۈشۈرۈلۈدۇ!

2021.12.14 11:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مائارىپ App لىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى ئازايتىش» سىياسىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ توردا ئوقۇش پەنلىرى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تەستىقلاشنى تاماملاشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ توردا ئوقۇش پەنلىرى بويىچە تەربىيەلەش App لىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش كېرەك؛ ئەنگە ئېلىنغان ئالاقىدار مائارىپ App لىرى ۋاقتىنچە تور سۇپىسىدىن چۈشۈرۈلۈدۇ.

  توردىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئالاقىدار مائارىپ App تەمىنلىگۈچىلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ توردا ئوقۇش پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەش ئىجازىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، سۇپىدا ئىجازەت ئۇچۇرىنى تولۇقلاپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ ماقۇللىغاندىن كېيىن تورغا چىقىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ توردا ئوقۇش پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەش ئىجازىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىرى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.

  «سۈرەتكە تارتىپ سوئال ئىزدەش» قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈۋېتىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، ئوقۇ-ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە خىلاپ ناچار ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان App لەر ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. تۈزىتىش جايىدا بولغان ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يەسلى مائارىپى بويىچە توردا تەربىيەلىنىش App لىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنگە ئېلىنغان ئالاقىدار App لەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ