مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بىر قىزچاقنى ناتۇنۇش ئايال ئېلىپ كېتىپ بىنادىن تاشلىۋەتكەن»لىكى توغرىسىدا ساقچى تەرەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى!

2021.12.03 12:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى لۇياڭ رايونىدىكى بىر ئانا تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسەتتە بىر ئايال ئۇنىڭ قىزىنى ئېلىپ كېتىپ ئولتۇراق رايوندىكى بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن تاشلىۋەتكەن، قىزچاق شۇھامان ئۆلگەن، بۇ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغى 12- ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، خېفېي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى لۇياڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ مىكرو بىلوگى@ لۇياڭ دا ج خ ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىنى ئېلان قىلغان، 11-ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 11 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، لۇياڭ ج خ شۆبە ئىدارىسى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دېلو مەلۇم قىلغۇچى فۇياڭ شىمالىي يولى ئەتراپىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايوندا بىر بالىنىڭ بىنادىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، خەلق ساقچىلىرى جىنايەت گۇماندارى دۇڭx پىڭ (ئايال)نى قولغا ئالغان.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىنايەت گۇماندارى دۇڭx پىڭ فۇياڭ شىمالىي يولىدىكى مەلۇم تورت دۇكىنىدا ئانىنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى دېلو يۈز بەرگەن مەھەللىدىكى مەلۇم بىر بىنانىڭ ئۆگزىسىگە ئېلىپ چىقىپ قىزچاقنى تاشلىۋەتكەن.شۇ كۈنى سائەت 18 لەر ئەتراپىدا، بۇ بالا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

  نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارى دۇڭx پىڭنى ج خ ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە، رازۋېدكا قىلىش نەتىجىسى مۇۋاپىق پەيتتە ئېلان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ