مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئېلېكترونلاشقان شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ!

2021.12.03 10:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 10- قېتىملىق «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى»، مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش بويىچە «ھوقۇقنى قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە تولۇق قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ پىراۋىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش، نىمكەش ئاپتوموبىل بىلەن باشقا جايدا سودا قىلىشنى تىزىملاش، «قاتناش باشقۇرۇش 12123»APPدا يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كودى، قاتناش ھادىسىسىنىڭ دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى توردا كۆرۈشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش قولايلىق تەدبىرى مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ.

  شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلېكترونلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. شەھەرلەردە تارقىتىلغان ئېلېكترونلۇق پراۋا پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئۇنى قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشتە، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ ھەمدە يولۇچى، يۈك توشۇش، ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش، سۇغۇرتا سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرگىچە كېڭەيتىشكە بولىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، 50مىليوندىن ئارتۇق شوپۇر ئېلېكتىرونلۇق شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىپ، يانفون تورىدا «كىنىشكىنى كۆرسىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان.

  نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسىنى تىزىملاشتا «ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىش» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى سودا مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسىنى تىزىملاش جەھەتتە «ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىش»نى يولغا قويغان. 800 مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئىسلاھاتتىن ئەمەلىي نەپكە، قولايلىققا ئېرىشكەن. نىمكەش ئاپتوموبىلنى باشقا جايدا سودىلىشىشقا تىزىملاتقانلار يۆتكەپ چىقىلغان جاي، يۆتكەپ كېلىنگەن جايدىن ئىبارەت «ئىككى جايدا قاتراش»تىن يۆتكەپ چىقىلغان «بىر جايدا بېجىرىش»كە ئۆزگەرگەن، ئاپتوموبىل ئارخىپى «ئىككى جاي ئارىسدا يەتكۈزۈلۈش»تىن «توردا خالىغان ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇش»قا ئۆزگەرتىلىپ، ماتېرىيال، ئىش بېجىرىش ھالقىلىرى يەنىمۇ ئىخچاملىنىپ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئۆلكە، شەھەر ھالقىپ ئۇياق-بۇياققا قاتراش، ۋاقىت، كۈچ، پۇل ئىسراپ بولۇش مەسىلىلىرىدىن ساقلانغان.

  قاتناش ھادىسىسىنىڭ دەلىل ـ ئىسپات ماتېرىياللىرىنى توردا كۆرۈش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. قاتناش ھادىسىسى ئالاقىدارلىرى ئالاقە تورى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقۇرۇش سۇپىسى «قاتناش باشقۇرۇش12123»APPسى ئارقىلىق قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدان خەرىتىسى، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش پىكرى قاتارلىق ئىسپات ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ ۋە كۆپەيتىپ، «نەق مەيداندا تەكشۈرۈش»نى «توردا كۆرۈش»كە كېڭەيتىپ، ئالاقىدارلارنى تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈش يولى ۋە قولايلىق بىلەن تەمىنلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ