مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دوۋبەن تورى سۆھبەتكە چاقىرىلىپ، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى!

2021.12.03 10:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:12- ئاينىڭ 1-كۈنى، دۆلەت ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى دوۋبەن تورىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، باش مۇھەررىرى بىلەن سۆزلىشىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى دوۋبەن تورى ۋە ئۇنىڭ ھېسابات نومۇرىدا كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن قانۇن-نىزاملاردا ئېلان قىلىش ياكى يوللاش مەنئىي قىلىنغان ئۇچۇرلاردىكى قىلمىشى ئېغىرلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇلۇپ، ئالاقىدار جاۋابكارلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى دوۋبەن تورى تىجارەت سۇبيېكتى بېيجىڭ دوۋبەن پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە قانۇن بويىچە جەمئىي 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش مەمۇرىي جازاسى بەردى. 2021-يىلى 1-ئايدىن11-ئايغىچە، دۆلەت ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى بېيجىڭ شەھەرلىك ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ،دوۋبەن تورىنى 20 قېتىم بىر تەرەپ قىلىپ جازالىغان، كۆپ قېتىم 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان، جەمئىي قويۇلغان جەرىمانە 9 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  دۆلەت ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تور بېكەت سۇپىسى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىپ تەكشۈرۈش، كۆپچىلىك ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئابۇنىچىلارنىڭ ئۇچۇر ئېلان قىلىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقىتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدۇ. دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تور بېكىتى سۇپىسىنىڭ قانۇن بويىچە تور باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تور بوشلۇقىنىڭ ساپلىقىنى قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ