مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەرلىك رېتسېپنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىڭ!

مومىسى چاشقاننى مايدا قاينىتىپ، كۆيۈپ قالغان بالىنى داۋالىدى

2021.12.02 18:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەرلىك رېتسىپنىڭ ئېغىر كېسەلنى داۋالايدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ خېنەن ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇل پىراۋىزورى جاڭ مياۋ مۇخبىرغا ئۇلارنىڭ بىر ئوغۇل بالىنى قوبۇل قىلىپ داۋالىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ يەرلىك رېتسېپقا ئىشىنىپ، چاشقان مېيىنى بالىنىڭ تېرىسىگە سۈركەپ كۆيۈكنى داۋالاپ، ئاخىرىدا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بالىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە كىرىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئەسلىدە بالا پەقەت كۆيۈپ زەخمىلەنگەن ئىدى، ئەمدى بىۋاسىتە ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە كىرگۈزۈلدى. چوڭلار ئەسلىدە ياخشى نىيەت بىلەن بالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىغان، لېكىن يەرلىك رېتسېپقا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ، ئەكسىچە بالىغا زىيانكەشلىك قىلغان ئىدى.

  بالا كۆيۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

  بالىلار كۆيۈپ يارىلىنىش ۋەقەسى پات-پات يۈز بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ قىزىقىشى كۈچلۈك بولۇپ، ھەرقانداق نەرسىگە چېقىلغۇسى كېلىدۇ، خەتەرلىك ئامىللارنى بىلىش ئىقتىدارى يېتەرسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكىتى ماسلاشمايدۇ، ئۆزىنى قاچۇرۇش ئىنكاسى ئاستا، شۇڭا ئاسانلا كۆيۈپ يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.

  بالا كۆيۈپ قالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ ياكى بەزى يەرلىك رېتسېپلارنى قوللىنىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئۈنۈمى بولمايلا قالماستىن، يەنە ئاسانلا تارتۇق قالىدۇ، ھەتتا خەتەر كېلىپ چىقىدۇ. كۆيۈكنى جىددىي قۇتقۇزۇشتىكى تۆۋەندىكى بىلىملەرنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاش لازىم.

  چايقاش: كۆيۈپ قالغان ئورۇننى دەرھال ئېقىۋاتقان پاكىز سوغۇق سۇ (تۇرۇببا سۈيى) بىلەن 30 مىنۇت ئەتراپىدا چايقاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا كۆيۈپ قالغان ئورۇندىكى ئىسسىقلىقنى تارقىتىۋېتىپ، بىمارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، (سۇنى ئىسراپ قىلىشتىن قورقماڭ، شۇنداقلا ھەرگىز بىۋاسىتە مۇز پارچىسى چاپلىماڭ)؛

  سېلىۋېتىش: ئەگەر كۆيۈپ يارىلانغان ئورۇندا كىيىم-كېچەك بولسا، سوغۇق سۇدا چايقىغاندىن كېيىن، كىيىمنى ئاۋايلاپ سالدۇرۇۋېتىش لازىم، زۆرۈر تېپىلغاندا قايچا بىلەن كىيىمنى كېسىش كېرەك، زورىغا سالدۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ (سۇلۇق قاپارتمىنى ھەرگىز بۇزۇۋەتمەڭ)؛

  چىلاش: كۆيۈپ يارىلانغان ئادەمنىڭ ئاغرىقى كۆرۈنەرلىك بولغاندا، پاكىز سوغۇق سۇ بىلەن كۆيۈپ يارىلانغان ئورۇننى داۋاملىق 10 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە چىلاپ قويغاندا، ئاغرىقنى پەسەيتىپ، كۆيۈپ يارىلىنىش دەرىجىسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؛

  يۆگەش: دورىخانىدا ساتىدىغان پاكىز، مىكروبسىز داكا (ياكى پاختا رەخت)نى ئىشلىتىپ، جاراھەت ئورنىنى يېپىپ، كۆيگەن ئورۇننىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ بۇلغىشىنى ئازايتىپ، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

  ئاپىرىش: ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ئېغىر كۆيۈك يارىسى بولسا، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. دوختۇرغا كۆرسىتىش جەريانىدا داۋاملىق مۇز خالتىسى ئارقىلىق سوغۇق ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. يەرلىك رېتسېپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن، جياڭيۇ، چىش پاستىسى، خام تۇخۇم قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا دوختۇرنىڭ ھۆكۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، يەنە قىسمەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ