مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۈننەن موخەن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى جۇڭگو-لائوس چېگرىسىدا تۆت كىلوگرامدىن ئارتۇق زەھەرنى قولغا چۈشۈردى

2021.12.02 12:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12- ئاينىڭ 1- كۈنى يۈننەن موخەن چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ پونكىت يېقىندا جۇڭگو-لائوس چېگراسىنىڭ مېڭلا ناھىيەسى مېڭرۈن يېزىسىدا بىر زەھەر دېلوسىنى تەكشۈرۈپ 4.1 كىلوگىرام ئەپيۇننى قولغا چۈشۈرگەن. موخەن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى يېقىندا سەرخىل كۈچلەرنى ئەۋەتىپ، مېڭلا ناھىيەسى مېڭرۈن يېزىسىنىڭ ئەتراپىنى چارلاپ ۋە پىستىرما قويۇپ توسۇپ، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 16 دە، سېرىق رەڭلىك گۇمانلىق توقۇلما خالتىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق نەق مەيداندا خالتىدىن زور مىقداردىكى ئەپيۇنغا ئالاقىدار گۇمانلىق نەرسىلەرنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلمىغان. يەتتە كاللەك ئەپيۇننىڭ ئېغىرلىقى 4.1 كىلوگرام كەلگەن. ھازىر بۇ دېلو قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.

  مېڭلا ناھىيەسى يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ناھىيە، شەرق، جەنۇب تەرىپىدىكى تاغ-دەريالىرى لائوس بىلەن تۇتاش، غەرب تەرىپى بىرما بىلەن لەنساڭجياڭ دەرياسى ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدۇ، دۆلەت چېگراسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 740.8 كىلومېتىر كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ