مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۇيجۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، رەئىسى ۋاڭ فۇيۈنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا سوت ئېچىلدى

2021.12.01 11:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ تيەنجىن شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، بۇ مەھكىمە 1-سوتتا ئاشكارا سوت ئېچىپ، گۇيجۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، رەئىسى ۋاڭ فۇيۈنىڭ پارا ئېلىش ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىش دېلوسىغا قاراپ چىققان.

  تيەنجىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 1-شۆبە مەھكىمىسى: 1995-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، ۋاڭ فۇيۈ ج ك پ خەينەن ئۆلكىسى چيۇڭشەن شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، ج ك پ خەينەن ئۆلكىلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سەنيا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ خەينەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خەيكۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ گۇيجۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، گۇيجۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىق، شۇنىڭدەك خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ كارخانا تىجارىتى، يىرىك پىلاننى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش قاتارلىق ئىشلىرىدا مەنپەئەتنى كۆزلەپ، يۇقىرىقى ئورۇن ۋە شەخسلەر بەرگەن پۇل-مالنى بىۋاسىتە ياكى باشقىلار ئارقىلىق قانۇنسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ،ئومۇمىي سوممىسىنى خەلق پۇلىغان سۇندۇرغاندا 434 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 2019- يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ۋاڭ فۇيۈ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يەنە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلار بەرگەن مال-مۈلۈكنى قوبۇل قىلغان، ئومۇمىي سوممىسىنى خەلق پۇلىغان سۇندۇرغاندا 17 مىليون 350 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. تەپتىش ئورگانلىرى پارا ئېلىش جىنايىتى ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ۋاڭ فۇيۈنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلدى.

  سوتتا، تەپتىش ئورگىنى ئالاقىدار ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار ۋاڭ فۇيۈ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلىدى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پىكرىنىتولۇق بايان قىلدى، ۋاڭ فۇيۈ ئەڭ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. سوت ئاخىرىدا، سوت سوتنى توختىتىپ تۇرۇپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ