مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇغۇت دەم ئېلىشى ئۇزارتىلدى، ياردەم پۇلى تارقىتىلدى...

20 نەچچە ئۆلكە پىلانلىق تۇغۇت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بالا تۇغۇشقا ئىلھام بەردى

2021.11.30 21:22 مەنبە: خەلق تورى

  كۆپ جايلاردا تۇغۇت دەم ئېلىشى 60 كۈن ئۇزارتىلدى

  بەزى جايلاردا ئىككى پەرزەنتلىك، ئۈچ پەرزەنتلىك بولغانلار ئۆي سېتىۋالسا تولۇقلىما بېرىلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن تۈزگەن «ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە»گە ئاساسەن، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى 98 كۈن بولىدۇ. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، «ئومۇميۈزلۈك 2-پەرزەنتلىك بولۇش» مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ نۆۋەت كۆپ جايلار تۈزىتىش كىرگۈزگەن نىزامنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا تۇغۇت دەم ئېلىشى يەنىمۇ ئۇزارتىلىپ، كۆپ بولغاندا 60 كۈن كۆپەيگەن.

  جېجياڭ يەنە تۇغۇت دەم ئېلىشىنى تۈرگە ئايرىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، بىرىنچى بالىنى تۇغقان ئايال تەرەپنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشىنى 60 كۈن ئۇزارتىش، 2-، 3-پەرزەنتلىك بولغانلارنىڭكىنى 90 كۈن ئۇزارتىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت نىزامىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىدە ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئۈچىنچى پەرزەنتلىك بولغانلارغا يەنە يېرىم يىللىق مۇكاپاتلىق ئارام بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بالا بېقىش دەم ئېلىشىمۇ بىر يېڭى يارقىن نۇقتا بولدى. يېڭى نۇسخىدىكى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىدا، دۆلەت شارائىتى بار جايلاردا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا بېقىش دەم ئېلىشىنى تەسىس قىلىشىنى قوللايدۇ. نۇرغۇن ئۆلكىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن يېڭىدىن بالا بېقىش دەم ئېلىشى تەسىس قىلدى، دەم ئېلىش ۋاقتى ھەر يىلى بەش كۈندىن 15 كۈنگىچە بولىدۇ.

  شاڭخەي، جېجياڭ، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلاردا پەرزەنتلىرى ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ھەر يىلى بالا بېقىش دەم ئېلىشى ئالسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى، ئەنخۇي ئۆلكىسى ئالتە ياشقا كىرىشتىن بۇرۇنغا كېڭەيتتى. چۇڭچىڭ يەنە ئىككى خىل بالا بېقىش دەم ئېلىشى ئەندىزىسى تەسىس قىلدى، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن جانلىق تاللىسا بولىدۇ.

  دەم ئېلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن باشقا، بەزى ئۆلكىلەردە يەنە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، بالا بېقىش ياردەم پۇلى تەسىس قىلىش بەلگىلەندى.

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە شەھەر دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن بويىچە ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ پەرزەنتلىك بولغان ئائىلىلەرگە بالا تەربىيەلەش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ھەمدە چېگرا رايونلار، كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا مۇۋاپىق مايىللىشىش كېرەك، كونكرېت چارىسىنى شەھەر دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەدىن مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بەرسە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. بېيجىڭ شەھىرىدە پەرزەنت سانىغا مۇناسىۋەتلىك ئائىلىدە بېقىش ياردەم پۇلى تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنىڭ سانى كۆپرەك بولغان ئائىلىلەر ئاممىۋى ئىجارە تۇرالغۇغا ئىلتىماس قىلسا، ئالدىن تەقسىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسە ھەمدە ئۆي شەكلىنى تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلسە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  سىچۈەن پەنجىخۇادا سىياسەت بويىچە 2-، 3-پەرزەنتلىك بولغان نوپۇستىكى ئائىلىلەرگە ھەر ئايدا ھەر بىر بالىغا 500 يۈەن بالا بېقىش ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان بولدى؛ شىنجاڭ شىخەنزە شەھىرىدە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان 2-، 3-پەرزەنتلىك بولغان نوپۇسلۇق ئائىلىلەرگە ھەر ئايدا ھەر بىر بالىغا 500 يۈەن ۋە 1000 يۈەندىن بالا بېقىش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى؛ شەندۇڭ يەنتەيدە، 3-پەرزەنتلىك بولغان تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ 1000 يۈەن تۇغۇت تەكشۈرۈش ھەققى ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدىغان بولدى.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بەزى جايلارنىڭ تۇغۇتلۇق ئائىلىلەرگە تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ. گەنسۇ لىنزې ناھىيەسى بۇ يىل 9-ئايدا تۇغۇت سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇغۇت ياردەم پۇلى، بالا بېقىش ياردەم پۇلى، تەربىيەلەش ياردەم پۇلى، ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى تارقىتىش قاتارلىق 11 تۈرلۈك كونكرېت يۆلەش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، 2-، 3-پەرزەنتلىك بولغان لىنزېنىڭ دائىملىق نوپۇسىدىكى ئائىلىلەرگە ناھىيە بازىرىدا تاۋار ئۆي سېتىۋالغاندا 40 مىڭ يۈەن ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بېرىش، ھەر قايسى مەركىزىي بازار قاتارلىق مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تاۋار ئۆي سېتىۋالغاندا 30 مىڭ يۈەن ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بېرىش بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ