مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەينەندىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرگەن مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى تۇتۇپ تۇرۇلدى! ساقچى تەرەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2021.11.30 10:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، توردا خەينەن ئۆلكىسى دۇڭفاڭ شەھىرىدىكى مەلۇم مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۈچ ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بەرگەن، دەپ گۇمان قىلىنغان بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشى تارقالدى، بۇنىڭغا قارىتا، دۇڭفاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچى فۇ xxكە مەمۇرىي جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇش ھەم 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ كۆرۈنۈش دۇڭفاڭ شەھىرى سىيۈەن تەجرىبە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فۇ xxنىڭ مەكتەپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ تامدىن ئارتىلىپ سىرتقا چىققان (بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى ھاراق ئىچكەن) ئۈچ ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بەرگەن سىن كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. دۇڭفاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ۋاقتىدا دېلونى قوبۇل قىلىپ، ساقچى كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، فۇ xxغا ئالاقىدار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، يارىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاشتىن قارىغاندا، تاياق يېگەن بۇ ئۈچ ئوقۇغۇچى ئېغىر يارىلانمىغان، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى دۇڭفاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچى فۇ xxكە مەمۇرىي جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇش ھەم 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بەرگەن. نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋاتىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە، دېلونىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى بىرىنچى ۋاقىتتا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ