مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: دۆلەت ئوقۇتقۇچىلار مۇكاپاتى تەسىس قىلىنىدۇ

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى (تۈزىتىش لايىھەسى) (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» غا ئاشكارا پىكىر ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

2021.11.30 10:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇق ۋە تەستىقىىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قانۇن-تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىز چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى (تۈزىتىش لايىھەسى) (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» نى تەتقىق قىلىپ چىقتۇق، نۆۋەتتە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالىمىز. كەڭ خەلق ئاممىسى تۆۋەندىكى يول ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىنكاس پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ:

  1. خەت ئارقىلىق پوچتىدىن پىكىر يوللاش ئۇسۇلى: بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى دامۇساڭ كوچىسى 35-نومۇر مائارىپ مىنىستىرلىقى قانۇن-نىزام مەھكىمىسى قانۇنچىلىق ئىشخانىسى(北京市西城区大木仓胡同35号教育部政策法规司法制办) (پوچتا نومۇرى:100816). خەت يازغاندا «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى>غاپىكىر ئېلىش» دېگەن سۆزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ.

  2. ئېلخەت ئارقىلىق پىكىرىڭىزنى تۆۋەندىكى ئادرېسقا يوللاڭ: (fzb@moe.edu.cn)پىكىر-ئىنكاس بېرىش ۋاقتى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى

  2021-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ