مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۇاڭشى چىنجۇ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شۈگۈي مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2021.11.25 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى گۇاڭشى چىنجۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، چىنجۇ شەھىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى شۈ گۈينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار شۈ گۈيگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلغان ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. جاۋابكار سوتنىڭ ئۆزىدە سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى ھەمدە نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، 2003-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، جاۋابكار شۈ گۈي ئۆزىنىڭ گۇاڭشى باما ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، چىنجوۋ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، چىنجوۋ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، چىنجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، چىنجوۋ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىق ۋە خىزمەت ھوقۇقى ھەم ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى شۈ xx، خې xx قاتارلىق 21 كىشىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش، مەنزىرە رايونىنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق ئىشلىرىدا ياردەم بەرگەن. 2003-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، شۈ گۈي ئايرىم ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يۇقىرىقى خادىملاردىن مال-مۈلۈك تەلەپ قىلغان ۋە قانۇنسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ، پارا ئالغان ئومۇمىي سوممىسى 75 مىليون 570 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  يەنە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، جاۋابكار شۈ گۈي دېلودىن كېيىن، دېلو بېجىرگۈچى ئورگانلار تېخى ئىگىلىمىگەن كۆپ قىسىم پارا ئېلىش جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان ھەمدە باشقا پارا ئېلىش جىنايەت پاكىتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك زاڭ پۇل ۋەزاڭ مالنىڭ بىر قىسىملىرى قايتۇرۇۋېلىندى.نەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار شۈ گۈينىڭ جىنايەت پاكىتى، خاراكتېرى، قىلمىشى ۋە ئىجتىمائىي خەۋپ دەرىجىسىگە قارىتا، پارا تەلەپ قىلىش، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش، قىسمەن زاڭ مالنى قايتۇرۇش قاتارلىق كونكرېت ئەھۋاللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، قانۇن بويىچە يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ