مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«14-بەش يىل» نىڭ ئاخىرىدا بالنىستتا داۋالىنىش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش نىسبىتى %70 تىن ئاشۇرۇلىدۇ

2021.11.25 14:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى خەلق ئاممىسى ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى. 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا بالنىستتا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا بالنىستتا داۋالىنىشنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىدىغان نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى ۋە ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئادەم سانى مۇقىم ئاشتى، راسچوت قىلغان ئادەم قېتىم سانى، داۋالىنىش خىراجىتى ۋە فوند چىقىم قىلىش كۆلىمى ئۈزۈكسىز كېڭەيدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە بالنىستا يېتىش ۋە كېسەل كۆرسىتىش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاستە راسچوت قىلغان ئادەم سانى 10 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى.

  خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىرلەر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ باشقا جايدا ئەنگە ئالدۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش، بالنىستا يېتىش خىراجىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش نىسبىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا %70 تىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىش كېرەك؛ ئادەتتىكى ئامبولاتورىيە خىراجىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ راسچوت قىلىدىغان رايونلارنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كېلەر يىلى مەملىكەت بويىچە ھەر بىر ناھىيىدە ئاز دېگەندە بىر تورلاشقان نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، ئامبولاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت كېسىلى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ خىمىيىلىك داۋالىشى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنى دىئالىز قىلىش، ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنكى يەكلەشكە قارشى داۋالاش قاتارلىق بەش خىل ئامبولاتورىيەنىڭسوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق بىر تۇتاش پىلانلانغان رايونلارنى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  نۆۋەتتە، دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، بارلىق ئۆلكە، بارلىق بىر تۇتاش پىلانلانغان رايون، تۈرلۈك سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ۋە ئاساسلىق سىرتقا چىقىپ كەتكۈچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە 50 مىڭدىن ئارتۇق داۋالاش ئاپپاراتى ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ۋە دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ