مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ساقچىسى ئاممىنى قوغداش ئۈچۈن قارا نىيەتلەر بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىپ قۇربان بولدى

قاتىلغا بىرىنچى سوتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

2021.11.25 14:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ چۇڭچىڭ شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، بۇ مەھكىمە چۇڭچىڭ شەھىرى شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش چارلاش چوڭ ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ساقچىسى فېڭ جۇڭچېڭنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار لى جى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش قارار قىلىنغان.

  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، 2021-يىلى 3-ئاي ئەتراپىدا، لى جىنىڭ ئىلكىدىكى تاكسى تىجارەت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكى ئېنىقلانغان. 7-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 16 دە، لى جى شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى خۇباڭ كىرا ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن xx 1 ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى چېن xx 2 (چېن xx 1 نىڭ ئوغلى) غا تېلېفون قىلىپ، قايتىدىن تاكسى ئىجارىگە بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ئۇقتۇرۇش قىلىنغان تاكسىلارنىڭ ھەممىسى ئىجارىگە بېرىلىپ بولغان. لى جى چېن xx 2 بىلەن چېن xx 1 نى چوقۇم ئۆزىگە ماشىنا ئىجارىگە بەرگۈسى يوق دەپ قاراپ، كاللىسىدا ئىككەيلەندىن ئۆچ ئېلىش ئويى پەيدا بولغان.

  2021 -يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەندە، لى جى ئىككى خەنجىرىنى ئېلىپ، شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى خۇباڭ كىرا ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، چېن xx 1 ۋە چېن xx 2 نى ئىزدەپ تاپالماي، يېڭى تاكسىنىڭ شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش چارلاش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدارەسمىيەت بېجىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بارغان. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، لى جى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىغا كېلىپ چېن xx 2 نى تېپىپ، خەنجىرىنى چېن xx 2 نىڭ دۈمبىسى قاتارلىق بىر نەچچە ئورۇنلىرىغا سانجىغان. چېن xx 2 يارىلانغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مۇلازىمەت زالىدىن ياردەم سورىغان. مۇلازىمەت زالىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ساقچى فېڭ جۇڭچېڭ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىغا بېرىپ تەكشۈرىدۇ، شۇ ۋاقىتتا، فېڭ جۇڭچېڭ زالنىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەيدە لى جى بىلەن دۇقۇرشۇپ قالىدۇ-دە، لى جى خەنجىرىنى كۆتۈرۈپ فېڭ جۇڭچېڭنىڭ كۆكرىكىگە سانجىپ، فېڭ جۇڭجۇڭنىڭ يارىلاندۇرىدۇ. لى جى مۇلازىمەت زالىغا كىرىپ يەنىلا نەتىجىسىز چىققاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم خەنجەر كۆتۈرۈپ فېڭ جۇڭچېڭنى قوغلايدۇ. فېڭ جۇڭچېڭ مۇلازىمەت زالىنىڭ ئەينەك ئىشىكىگە چېكىنىپ، تاشقى زەخمە تۈپەيلىدىن يەرگە يىقىلىدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلق ساقچىسى سۈيxx، دېڭ xx لەرمۇ كېلىپ بۇ ۋەقەنى توسماقچى بولغاندا، لى جى سۈي xx نىڭ تەييارلىقسىز ھالىتىدىن پايدىلىنىپ، خەنجەرنى ئۇنىڭ ئارقا بېلىگە تىقىپ، سۈي xx نى يارىلاندۇرىدۇ. دېڭ xx باشقا خەلق ساقچىلىرى ۋە ئامما بىلەن بىرلىكتە لى جىنى قورشاۋغا ئالىدۇ. لى جى قېچىش جەريانىدا، خەنجەر ۋە يەردىن تېرىۋالغان ساقچى توقمىقىئارقىلىق قارشىلىشىپ، دېڭ xxنىڭ ئوڭ بىلىكىنى يارىلاندۇرىدۇ. ئاخىرىدا نەق مەيداندىكى ساقچىلار لى جىنى قولغا چۈشۈرىدۇ. فېڭ جۇڭچېڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قۇربان بولىدۇ، چېن xx، سۈي xx، دېڭ xx لەر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىنىدۇ. باھالاش ئارقىلىق، سۈي xxبىرىنچى دەرىجىلىك يېنىك يارىلانغان، چېن xxئىككىنچى دەرىجىلىك يېنىك يارىلانغان، دېڭ xx يېنىك يارىلانغان. لى جىنى باھالاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ دېلو سادىر قىلغاندا تولۇق جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.

  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنداق قارىدى: جاۋابكار لى جى قەستەن قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىككى ئادەمنى 2-دەرىجىلىك يېنىك يارىلاندۇرغان، بىر ئادەمنى يېنىك يارىلاندۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىلمىشى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ. لى جى تاكسى ئىجارىگە ئالالمىغانلىقتىن ئاغرىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىدا، خەنجەر كۆتۈرۈپ ئاشكارا قاتىللىق قىلىپ، چېنxx 2 دىن ئۆچ ئالغان، كېيىن قولغا ئېلىشقا قارشىلىق كۆرسەتكەن، يەنە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان بىر نەچچە خەلق ساقچىسىغا ئۇدا خەنجەر تىقىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، ئۈچ ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جاۋابكار لى جىنىڭ دېلو سادىر قىلىش مۇددىئاسى رەزىل، ۋاستىسى قەبىھ، جەمئىيەتتىكى تەسىرى ئىنتايىن يامان، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقتىن، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ