مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادەمگەرچىلىك تونىغا ئورىنىۋالغان «مىكرو چىرىكلىك»تىن ھوشيار بولۇش لازىم

2021.11.25 14:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ناتوغرا ئىستىل ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقى، لېكىن شەكلى ئۆزگەرگەن بەزى «مىكرو چىرىكلىك» مەسىلىلىرىنىڭ يەنىلا تۈپتىن ھەل قىلىنمىغانلىقى بايقالدى. ھېلىھەم ئايرىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر تۇغقان يوقلاش، دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇرتىنىڭ بەزى يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەپداشلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقتا، ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى سىرتقا چىققاندا بەنجاڭغا تاماكا، سۇ ئالغاچ كەلمەكتە، سەپداشلىرى توي قىلىپ بالىلىق بولغاندا، قىزىل بولاق ئەۋەتىپ بەخت تىلىمەكتە... بۇ ئەھۋاللار تۈپتىن تۈزىتىلمىسە، ئاساسىي قاتلامنىڭ كەيپىيات قۇرۇلۇشىغا تەسىر يېتىدۇ.

  ئادەمگەرچىلىك تونىغا ئورىنىۋالغان «مىكرو چىرىكلىك»نىڭ تۈگىتىلمەسلىكىنىڭ مەنبەسى دەل قىسمەن ئوفېتسىر-ئەسكەرلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى، «مىكرو چىرىكلىك»كە بولغان تونۇشىنىڭ غۇۋا بولۇشىدا، دائىم ئۆزىنى ئاساسىي قاتلامدا بولغاچقا، قولىدا ھوقۇق-مەنسىپى يوق، ھىچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ، دەپ ئويلىۋالغانلىقىدا. شۇڭا، ئىدىيە جەھەتتە ئاسانلا ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بەزى «مىكرو چىرىكلىك» ھادىسىلىرىگە ئادەتلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن، ئايرىم كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قىسىمغا كېلىپ تاماق يېگەندە، تاماق پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمايدۇ، ئايرىم كادىرلار جەڭچىلەرنى ياردەملىشىپ تازىلىق قىلىشقا، شەخسىي ئىشىنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قائىدىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ روشەن مەسىلە بولمىسىلا، سەپداشلار ئارىسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە «كىچىك ئىشنى چوڭايتىش»نىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ. بۇ ھادىسىلەر جەڭچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، پاك ئىچكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزدى.

  كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق. نۇرغۇن چوڭ ئاپەتلەرنى كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك ئىشلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىچىك ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتمىگەندە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىدۇ، ھەتتا ئورۇننىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇشىغا تەسىر يېتىدۇ. ئادەمگەرچىلىك تونىغا ئورىنىۋالغان «مىكرو چىرىكلىك»نىڭ قارىماققا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، ئەمەلىيەتتە زىيىنى ئىنتايىن چوڭ، چوقۇم قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئەسكەر يېتەكلىگۈچىلەر قانۇن-نىزام، تۈزۈملەرنى ئاساس قىلىپ، دائىملىق ھالدا قانۇن-ئىنتىزام تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، «مىكرو چىرىكلىك»نى دائىم تېپىپ چىقىپ تۈزىتىش، ئىبرەت تەربىيەسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھېيىقىشنى بىلدۈرۈپ، ھەزەر ئەيلەيدىغان قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان خىزمەت، تۇرمۇش ھەۋىسىنى ساقلاپ، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلامنىڭ كەيپىيات نازارەتچىسىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەھۋالنى ۋاقتىدا، توغرا ئىگىلەپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى بىخ ھالىتىدە ۋاقتىدا تۈزىتىپ، «مىكرو چىرىكلىك»نى بىخ ھالىتىدە يوقىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ