مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنى ئامېرىكا-تەيۋەن ئەمەلىي مۇناسىۋىتىنى ئۆستۈرۈشنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2021.11.25 14:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا تەرەپنى ئامېرىكا - تەيۋەن ئەمەلىي مۇناسىۋىتىنى ئۆستۈرۈشنى دەرھال توختىتىپ، تەيۋەن بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسى قىلماسلىق ۋە ئۇچرىشىشىنى توختىتىش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە ھەرقانداق خاتا سىگنال بەرمەسلىككە دەۋەت قىلدى.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى فېرنەندىس لىنىيەسىدە 2-نۆۋەتلىك«ئامېرىكا-تەيۋەن ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى سۆھبىتى» گە قاتناشقان. ئىككى تەرەپ سۆھبەتنى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارىدى. «ئامېرىكا تەيۋەنلىكلەر جەمئىيىتى» مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ 2022-يىلى رەقەملىك ئىقتىساد مۇنبىرى ۋە تۇنجى مەيدان ئەمەلىي گەۋدە پەن-تېخنىكا يىغىنى ئېچىشنى پىلانلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋ لجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ