مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كادىرلار رەھبەرگە ئەمەس، ئىشقا كۆپرەك يېپىشسۇن

2021.11.25 14:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىشىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن خۇشامەت قىلىدىغان كادىرلارنى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغان كادىرلارنى «ئادەمگە يېپىشمايدىغانلار» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. «ئادەمگە يېپىشىدىغانلار» بىلەن نىسپىي بولغىنى «ئىشقا يېپىشىدىغانلار». تەشكىلات تارماقلىرى قابىللارنى تاللاپ ئىشقا قويۇشتىكى مۇھىم فۇنكسىيەلىك تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆڭۈل قويۇپ زىممىسىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان «ئىشقا يېپىشىدىغان» كادىرلارغا يار-يۆلەك بولۇپ، مەدەت بېرىپ، كادىرلارنى رەھبەرلەرگە ئەمەس، ئىشقا بەس-بەستە يېپىشىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  «ئۆتكۈر كۆز»لەرنى يېتىشتۈرۈپ، «ئادەمگە يېپىشىدىغانلار» بىلەن «ئىشقا يېپىشىدىغانلار»نى پەرقلەندۈرۈش لازىم. ئادەمنى ئىش ئۈستىدە مەشىقلەندۈرۈش، شۇنداقلا ئىش داۋامىدا تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىر كادىرنىڭ «ئادەمگە يېپىشىدىغان» ياكى «ئىشقا يېپىشىدىغان» كادىر ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشتە، مۇھىمى كۈندىلىك خىزمەت ۋە جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردىكى ئىپادىسىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىش كېرەك. كادىرلارنىڭ خۇشامەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، قىزغىن كۈتۈۋالىدىغانلىقى، ئۇزىتىپ قويىدىغانلىقى ياكى ئەستايىدىل ئىشلەيدىغانلىقى، قورقمايدىغانلىقى، ئىشتىن قاچمايدىغانلىقىغا قاراش لازىم؛ كادىرلارنىڭ «ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ» دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، خاتىرجەم بولالمايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە مۇئامىلە قىلىش-قىلماسلىقىغا قاراش لازىم.

  «دۇربۇن»، «مىكروسكوپ» ئېلىپ كادىرلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىدا، يېزا تىلىدا، ئاممىنىڭ باھاسىدا ھەر تەرەپلىمە، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش ھالىتىنى ئىگىلەش كېرەك.

  نەتىجىنى كۈتۈپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ھىيلىگەرلىك قىلىشنىلا بىلىدىغان، ئىش قىلالمايدىغان «ئادەمگە يېپىشىدىغان» كادىرلار كۆپ بولسا، بىر جاينىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى بۇلغايدۇ، ھەتتا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، «ئىشقا يېپىشىدىغان» كادىرلار نەپكە ئېرىشسە، «ئىشنى كۆپرەك ئويلاپ، خۇشامەتنى ئازراق ئويلايدىغان» توغرا يېتەكچىلىكنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. كادىرلارنى رەھبەرگە يېپىشماي، ئىشقا يېپىشىشقا يېتەكلەشتە چوقۇم يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش لازىم. بىر تەرەپتىن، كادىرلارنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى مەنبەدىن كادىرلارنىڭ «چاپلىشىشنى خالىماسلىق»، «چاپلىشالماسلىق»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يەنە بىر تەرەپتىن، باھالاشنىڭ «يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى»لىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەمگەرچىلىككە ئەھمىيەت بەرمەي، نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇناسىۋەتكە قارىماي، ئىقتىدارغا قاراپ، ئىش قىلىشنى خالايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان، لېكىن «ھىيلە ئىشلىتەلمەيدىغان» كادىرلارغا «شوتا تىكلەپ»، «سۇپا ياساپ» چىقىش لازىم، قىزغىنلىق بىلەن «كىچىك چەمبىرەك» قۇرۇپ، ئاساسىي كەسىپنى تاشلاپ قويغان كادىرلارنى «شاللاپ چىقىپ»، «ئىشقا يېپىشقاق» كادىرلارنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، «ئادەمگە يېپىشىدىغان» كادىرلارغا سەھنە ھازىرلاپ بەرمەسلىك كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ