مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىگە«دەخلى-تەرۇز قىلىشى» ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش-قاتناشماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

جۇڭگو بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2021.11.25 14:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: جۇڭگو شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا «دەخلى-تەرۇز قىلىش» مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش-قاتناشماسلىق قارارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىسمەن كىشىلىرى بۇرۇنلا پاكىت ۋە ھەقىقەت تەرىپىدىن ئېچىپ تاشلانغان يالغان سۆزلەرنى تەكرارلاپ، بۇنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن باغلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى ماھىيىتى تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇش، ئولىمپىك روھىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  جاۋ لىجيەن يەنە مۇنداق دېدى: ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى چىقىش قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە توسقۇنلۇق قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ جەزمەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، شۇنداقلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ