مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەدبىر بەلگىلەشتە «بىر ئادەمنىڭ گېپى گەپ» بولۇش، ئادەم ئىشلىتىشتە «بىر جۈملە سۆز» بىلەنلا ئورۇنلاشتۇرۇش...

ھوقۇقنى زومىگەرلىك بىلەن ئىشلىتىشنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

2021.11.22 21:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، يۈننەن ئۆلكىسى كۇنمىڭ شەھەرلىك مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئورنىنىڭ سابىق پارتكوم شۇجىسى، باشلىقى چېن بو پارتىيەدىن قوغلىنىپ، خىزمەتتىن ھەيدەلدى. چېن بو كۇنمىڭ شەھەرلىك مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ «بىرىنچى قول باشلىقى» بولغان مەزگىلدە، ئۆزىنى «يەرلىك پادىشاھ» دەپ قاراپ، كادىر-ساقچىلارنى «چاكار» قاتارىدا كۆرگەن، ئادەتتىكى كادىر-ساقچىلار چېن بونىڭ ئاپتوموبىلىنى كۆرگەندە سالام بېرىشى شەرت بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يانداپ ئۆتۈشكە يول قويۇلمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، كۇنمىڭ شەھەرلىك مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ لايىھەسىنى قايتا-قايتا 40 نەچچە قېتىم ئۆزگەرتكەن، قۇرۇلۇش قايتا-قايتا تەڭشىلىپ، سەككىز يىلدا ئاندىن تاماملانغان.

  تەدبىر بەلگىلەشتە «بىرلا كىشىنىڭ گېپى گەپ» بولۇش، ئادەم ئىشلىتىشتە «بىر ئېغىز گەپ» بىلەنلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پۇل خەجلەشتە «بىر قەلەم» بىلەن جىجاپلا خەجلىگەن، تۈرنى «بىر قولدا تۇتقان»... يېقىندا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرنىڭ دېلو مىساللىرى رەتلەپ چىقىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەردە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ مەغرۇرلىنىش، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان. مەسىلەن، چېن بو «ئۈچ مۇھىم، بىر چوڭ» تەدبىر بەلگىلەش ئىشلىرىدا «ئەڭ ئاخىرىدا ئىپادە بىلدۈرۈش» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلىسىلا قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتكەن ياكى يىغىن ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، قارشى تەرەپنى ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇرلىغان، يەنە يىغىندىن كېيىن خىزمەتچى خادىملارنى يىغىن خاتىرىسىنى ئۆزگەرتىشكە كۈشكۈرتۈپ، «بىرلا كىشىنىڭ گېپى ھېساب» بولىدىغان پاكىتنى يوشۇرغان. خۇنەن ئۆلكىسى چېنجوۋ شەھەرلىك 3-خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى گۇ دۇڭياڭ گەپ ئاڭلايدىغان «كىچىك چەمبىرەك» بەرپا قىلىپ، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش، دورا ئىجازىتى، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە بېرىش قاتارلىق نۇقتىلىق ئىشلارنى تەتقىق قىلغاندا، چەمبىرەك ئىچىدە ئالدىن پىكىر ئالماشتۇرۇۋېلىپ، «ئۈچ مۇھىم، بىر چوڭ» تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈمىنى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.

  دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، شۇنداقلا تەڭ دەرىجىلىكلەر نازارەتچىلىكىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى. ۋاھالەنكى، ئاز ساندىكى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى يۈز-خاتىرە قىلىپ پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بەرمەي، شەخسىي ھېسسىياتقا بېرىلىپ، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بەرمىگەن، «سىزگە ياخشى، ماڭا ياخشى، كۆپچىلىككە ياخشى» بولۇۋېلىش دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلانغان، پارتىيە ئىچىدىكى كەسكىن سىياسىي تۇرمۇش چاكىنىلاشتۇرۇلغان، ئىختىيارىيلاشتۇرۇلغان، ئاددىيلاشتۇرۇلغان.

  جايلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى يەنە «بىرىنچى قول رەھبەر»نىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى پاكلىق خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى باشقۇرۇش، ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش، ھوقۇقنى چەكلەش، ھوقۇقنى ئايرىش تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ