مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

«بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئەركىن، باراۋەر ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە»

2021.11.22 21:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مەن ئەمگەك ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىمەن.» قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرئامىنەم ئەكبەر كامېرا كۆزىگە قاراپ، ناھايىتى ئازادە ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئۇ بىر ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، مول تۇرمۇش ئۇنى بۇ شەھەرگە سىڭدۈرۈپ، ياشلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەركىنلىك ۋە خۇشاللىقتىن بەھرىمەن قىلدى.

  11-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، نەق مەيداندا نۇرغۇن سىن قويۇلۇپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەقىقىي خىزمەت، تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.

  «جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە، مەن ئايالىم بىلەن قول تۇتۇشۇپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمەن.» يەكەن ناھىيەسىدىكى راخمان روزى ئايالى بىلەن كۆكتوقاي ناھىيەسىگە كېلىپ خىزمەت قىلغىلى تۆت يىل بولدى، ئادەتتىكى ئىشچىدىن ئىسمېنا باشلىقى بولدى. بىكار تۇرالمايدىغان راخمان خوتۇنى بىلەن شۇ جايدا بىر كىچىك تاللا بازىرى ئېچىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىپ، يۇرتىنىڭ ياغدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، لازا، نان قاتارلىق ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنىمۇ سېتىپ، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ھازىر راخمان ئەر-خوتۇننىڭ ئايلىق كىرىمى 8000 يۈەن بولۇپ، تۇرمۇشى بەختلىك، باياشات ئۆتمەكتە.

  شىنجاڭدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خىزمەت قىلىش-قىلماسلىقى، قەيەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىشى، قاچان خىزمەت قىلىشى پۈتۈنلەي شەخسنىڭ ئىختىيارلىقىدا، ھېچكىمنىڭ «مەجبۇرلىشى» يوق. زۇلپىيە ياقۇپ ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى دېھقان، تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى كارخانىغا بېرىپ ئىشقا چۈشۈپ، ئىشىك ئالدىدىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ يوپۇغا ناھىيەسىدىكى ئادىل ئابدۇراخمان ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەت قىلىشقا تىزىملاتتى، ھازىر پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى، ئۇ تىرىشىش ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ، ئۆي-ئوچاقلىق بولدى؛ قەشقەرلىك قىز ئاماننىسا ئەھەت شۇ جايدىكى بىر سېمونت زاۋۇتىنىڭ لابوراتورىيە ئۆيىدە ئىشلەيدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «شەھەردە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپەم بار، بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.»

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك تۇرمۇشى خاتىرىلەنگەن بىر قانچە سىن كۆرۈنۈشى ئامېرىكا، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاغزىدا تەسۋىرلىگەن شىنجاڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. «ئەمگەك تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەمگەك بەخت يارىتىدۇ.» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى غەيرەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ