مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كارخانا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشتە قانۇن قىزىل سىزىقىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ

2021.11.22 21:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش كۈرەش قىلىش روھى ۋە جاپالىق ئەمگەكتىن ئايرىلالمايدۇ. شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش شەخسنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى بىر خىل خىزمەت ھالىتى، شۇنداقلا شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى «نومۇر قوشۇپ بېرىش» تۈرى. ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش شەخسىينىڭ تاللىشى بولۇپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق بولمايدۇ. لېكىن، قانۇندا كارخانىنىڭ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنىڭ يۇقىرى چېكى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئۇزارتىلغان ئىش ۋاقتى كۈنىگە ئۈچ سائەتتىن، ھەر ئايدا 36 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەمگەكچىلەر مۇناسىپ ئەمگەك ھەققى ۋە دەم ئېلىش، يىللىق ئارام ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

  كارخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالاھىدە ئەھۋالدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، جەڭگىۋارلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر، بۇنىڭدا ئۈنۈم ۋە ھاسىلاتقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. لېكىن، ئەگەر پەقەت خىزمەت ۋاقتىدا تاماملىغىلى بولىدىغان ئىش بولسا، «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى» ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەينىگە سۆرەپ، ئاستا-ئاستا ئىشلەپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئۈچۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسە ياكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىپ بولۇپ، قىلىدىغان ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن «رەھبەر كەتمىسە مەن كەتمەيمەن» دەپ شەكىلۋازلىق قىلىش، ھورۇنلۇق قىلىش شەكلىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشمۇ كارخانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر خىل بايلىق ئىسراپچىلىقى ھېسابلىنىدۇ.

  ئەگەر كارخانا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىسا، مەسىلەن، كۈچلۈك تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان «996» خىزمەت تۈزۈمى قاتارلىقلارغا قانۇن-نىزاملاردا ئېنىق بەلگىلىمە بار. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تۈزىتىش ئۈچۈن، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتى ئېشىپ كېتىش ھادىسىسىگە قارىتا، تىپىك دېلولارنى بىرلىشىپ ئېلان قىلىپ، ئىش ۋاقتى ۋە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشىنىڭ قانۇن تەتبىقلاش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش كۈرەش قىلىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. لېكىن، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكىلا ئىلھام بېرىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتىنى كارخانا مەدەنىيىتىگە يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەتتا ئېغىر بېسىم ئاستىدىكى غەيرىي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئۆزگەرتىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلاپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلدۇرۇش، ئېنىقكى ئەمگەك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. ھەتتا بەزى كارخانىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى رەت قىلىشنى باھانە قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋاتىدۇ، بۇنداق قانۇن قىزىل سىزىقىغا چېقىلىدىغان قىلمىشقا يول قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ