مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرايلى

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2021.11.22 20:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا تەرەققىياتقا ئىنتىلىمىز، ئورتاق پايدا ئېلىشنى قەدىرلەيمىز، ئۈمىدگە يەتكۈزىمىز. 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تورىنى پۇختىلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ھەمكارلىق سەۋىيەسى، تېخىمۇ يۇقىرى سېلىنما ئۈنۈمى، تېخىمۇ يۇقىرى تەمىنات سۈپىتى، تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى.

  ئاقىللار ۋاقىتقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، بىلىملىكلەر ئىشقا قاراپ تەدبىر تۈزىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش شەرت. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى ئۆزگەرگىنى يوق، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش چوڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرگىنى يوق، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيىتى بىزگە پايدىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش يەنىلا مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن كەسكىن رىقابەت مىسلىسىز بولدى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى مىسلىسىز بولدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا مۇھىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلەشتى. مۇشۇنداق يېڭى ۋەزىيەتكە قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، شۇنچە يۇقىرى ئۆلچەم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك. «بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەمكارلىق ۋە كۈرەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ساقلانما مىقدار ۋە ئېشىش مىقدارىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي گەۋدە ۋە مۇھىم نۇقتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، پايدىغا يۈزلىنىپ، زىياندىن ساقلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشىمىزنى نىشان قىلىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىزغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

  100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋە ئەسىر يۇقۇمىنىڭ گىرەلىشىپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئېلىپ كەلگەن ئېغىر خىرىسى ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالالايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىدا دىققەتنى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. سەككىز يىلدىن بۇيان، بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»نى مۇھىم يۆنىلىش، قائىدە-ئۆلچەملەرنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى مۇھىم تىرەك، ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەت خەلقى بىلەن «قەلب تۇتاشتۇرۇش»نى مۇھىم ئاساس قىلىپ كەلدۇق، ئاخىرقى مەقسىتىمىز ھەر تەرەپلىمە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، ھەمتۈرتكە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئافرىقا قىتئەسى، ئامېرىكا قىتئەسى، ئوكيانىيە قىتئەسىگىچە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى بوشلۇق ئېچىپ، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئەمەلىيەتنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى. يېڭى مۇساپىدە، بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ زىچ بولغان «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  يۇقىرى ئۆلچەملىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش نىشانىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان خەلقئارا قائىدە-ئۆلچەملەرگە پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى، تىجارەت، سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش قاتارلىق ھالقىلاردا ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان خەلقئارا قائىدە-ئۆلچەم بويىچە ئىش كۆرۈشىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىتنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى قوللاشنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مۇھىت ئاسراشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سودا ۋە مالىيە جەھەتتىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجە قازىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەمەلىي تۆھپە قوشۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى دۆلەتنى ئورتاق قۇرۇش، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېز ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى، بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېقىشلىق، ئەلنى مايىل قىلىدىغان ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش لازىم. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرساقلا، بىز چوقۇم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك، خەلقئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ قويۇق، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ