مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى

(2021 - يىل 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2021.11.19 17:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كىرىش سۆز

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1921 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىپ، كوممۇنىزم غايىسى ۋە سوتسىيالىزم ئېتىقادىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنى باي - قۇدرەتلىك، خەلقنى بەختىيار قىلىش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، 100 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى.

100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېگىلمەي - سۇنماي قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى؛ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى؛ ئىشەنچ بىلەن ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. پارتىيە ۋە خەلق 100 يىللىق كۈرەش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ يۈكسەك تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى.

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش − پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل تولغان تارىخىي شارائىتتا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى؛ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىردەك قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى؛ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈرەش ئىقتىدارى ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشنىڭ ئېھتىياجى. پۈتۈن پارتىيە ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش ۋە توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن بىزنىڭ بۇرۇن نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتىپ، كەلگۈسىدە قانداق قىلساق ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

1945 - يىلى پارتىيە 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «بەزى تارىخىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارار»دا، 1981 - يىلى پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارار»دا پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور تارىخىي ئىشلىرى ۋە مۇھىم تەجرىبە - ساۋاقلىرى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلەندى، ئۇلار مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە پۈتۈن پارتىيەنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينىدى، ئۇلاردىكى ئاساسىي بايان ۋە يەكۈنلەر ھازىرغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

1. يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش

يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمغا قارشى تۇرۇپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ ئىجتىمائىي شارائىت يارىتىش ئىدى.

جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيادىكى قەدىمىي، ئۇلۇغ مىللەت، 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن شانلىق مەدەنىيلىك يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. 1840 - يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو غەربتىكى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزى ۋە فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىكلىكى سەۋەبىدىن قەدەممۇقەدەم يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قالدى، دۆلەت ھاقارەتكە، خەلق بالايىئاپەتكە، مەدەنىيلىك دەپسەندىلىككە ئۇچراپ، جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز بالا - قازاغا دۇچار بولدى. مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلقى قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى، ئىرادىلىك زاتلار ھەريان چېپىپ چوقان سالدى، تىللاردا داستان بولغۇدەك كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى. تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى، ئەجنەبىيچىلىك ھەرىكىتى، ۋۇشۈ يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى، يىخېتۇەن ھەرىكىتى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەتنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈرلۈك لايىھەلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى، لېكىن ھەممىسىلا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى رەھبەرلىك قىلغان شىنخەي ئىنقىلابى جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەت خاراكتېرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى. جۇڭگو ھالاكەتتىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى ئىدىيەگە، ئىنقىلابىي كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرىدىغان يېڭى تەشكىلاتقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى.

ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ توپ ئاۋازى جۇڭگوغا ماركسىزم - لېنىنىزمنى ئېلىپ كەلدى. 4 - ماي ھەرىكىتى ماركسىزمنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئويغىنىشى جەريانىدا، ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن زىچ بىرلىشىشى جەريانىدا، 1921 - يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن دۇنياغا كەلدى. جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ دۇنياغا كېلىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ۋەقە بولدى، ئۇ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قىياپىتىدە يېپيېڭى ئۆزگىرىش ياسىدى.

پارتىيە چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، يېقىنقى زامان جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت جاھانگىرلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، فېئودالىزم بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش زۆرۈر ئىدى.

پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ۋە بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيە دېموكراتىك ئىنقىلاب پىروگراممىسىنى تۈزۈپ، ئىشچىلار ھەرىكىتى، ياشلار ھەرىكىتى، دېھقانلار ھەرىكىتى، ئاياللار ھەرىكىتىنى قوزغاپ، گومىنداڭنىڭ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىشى ۋە مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەردى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزمغا قارشى ئۇلۇغ كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، بۈيۈك ئىنقىلاب دولقۇنى قوزغىدى. 1927 - يىلى گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەكسىيەتچىلەر گۇرۇھى ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىپ، كوممۇنىستلار ۋە ئىنقىلابىي خەلقنى دەھشەتلىك قىرغىن قىلدى، پارتىيە ئىچىدە چېن دۇشيۇ ۋەكىللىكىدىكى ئوڭچىل ئىدىيە كۈچىيىپ ئوڭچىل ئاغمىچىلىق خاتالىقىغا ئايلانغانلىقى ھەمدە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىدا ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈنۈملۈك قارشىلىق كۆرسىتەلمەي قالدى، بۈيۈك ئىنقىلاب كۈچلۈك دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارتىيە ئېچىنىشلىق رېئاللىقتىن ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچ بولمىسا قوراللىق ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى يەڭگىلى بولمايدىغانلىقى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، قوراللىق ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قوراللىق ئىنقىلاب ئارقىلىق قارشى تۇرۇش شەرتلىكىنى تونۇپ يەتتى. نەنچاڭ قوزغىلىڭى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشنىڭ تۇنجى ئوقىنى ئېتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي ئۇرۇشقا مۇستەقىل رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش ۋە ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. 7 - ئاۋغۇست يىغىنىدا يەر ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش فاڭجېنى بېكىتىلدى. پارتىيە كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى، گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭى ۋە باشقا نۇرغۇن جايلاردىكى قوزغىلاڭلارنى رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، دۈشمەن بىلەن بولغان كۈچ پەرقى چوڭ بولغاچقا، بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ كۆپىنچىسى مەغلۇپ بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەينى چاغدىكى ئوبيېكتىپ شارائىتتا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىكىگە ئوخشاش ئاۋۋال مەركىزىي شەھەرلەرنى ئىگىلەش ئارقىلىق ئىنقىلابنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، پارتىيە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىنقىلاب يولىنى تېپىپ چىقىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى.

شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن يېزىلارغا يۈرۈش قىلىشقا ئۆتۈش − جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە يېڭى باش پەللىسى. يولداش ماۋ زېدۇڭ ئارمىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جىڭگاڭشەندە تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇردى، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ مۇشتۇمزورلارغا قارشى تۇردى، يەر تەقسىم قىلدى. گۇتيەن يىغىنىدا پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش پىرىنسىپى بېكىتىلدى. ئىنقىلابنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، پارتىيە مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازا ۋە غەربىي خۇنەن - خۇبېي بازىسى، خەيفېڭ - لۇفېڭ بازىسى، خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي بازىسى، چيۇڭيا بازىسى، فۇجيەن - جېجياڭ - جياڭشى بازىسى، خۇنەن - خۇبېي - جياڭشى بازىسى، خۇنەن - جياڭشى بازىسى، زوجياڭ - يوۋجياڭ بازىسى، سىچۇەن - شەنشى بازىسى، شەنشى - گەنسۇ بازىسى، خۇنەن - خۇبېي - سىچۇەن - گۈيجوۋ بازىسى قاتارلىق تايانچ بازىلارنى قۇردى. پارتىيە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاقلار رايونلىرىدىمۇ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى ئىنقىلابىي كۈرەشنى قانات يايدۇردى. ھالبۇكى، ۋاڭ مىڭنىڭ «سول»چىل دوگمىچىلىقىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى خاتا رەھبەرلىكى تۈپەيلىدىن، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازا 5 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، قىزىل ئارمىيە ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولۇپ، مىسلىسىز مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ ئۆتۈپ شىمالىي شەنشىگە يۆتكەلدى. «سول»چىل لۇشيەن خاتالىقى ئىنقىلابىي تايانچ بازىلار ۋە ئاقلار رايونىدىكى ئىنقىلابىي كۈچلەرنى ئىنتايىن زور زىيانغا ئۇچراتتى.

1935 - يىلى 1 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئۇزۇن سەپەر ئۈستىدە زۇنيى يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا ئەمەلىيەتتە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلەندى، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى ماركسىزملىق توغرا لۇشيەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلىنىشكە باشلىدى، پارتىيەنىڭ يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى 1 - ئەۋلاد رەھبەرلىك كوللېكتىپى شەكىللىنىشكە باشلىدى، پارتىيە جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ھەل قىلىدىغان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە پارتىيەنى، قىزىل ئارمىيەنى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن پارتىيەنىڭ جاڭ گوتاۋنىڭ بۆلگۈنچىلىكىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇزۇن سەپەرنى غەلىبىلىك تاماملاپ، جۇڭگو ئىنقىلابىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. بۇ، پارتىيە تارىخىدىكى ھايات - ماماتلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، 18 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، جۇڭگو - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەت پەيدىنپەي دۆلەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەتتىن ئېشىپ چۈشۈپ ئاساسىي زىددىيەتكە ئايلاندى. ياپون جاھانگىرلىكى دۆلىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلىشنى تېزلىتىۋاتقان، مىللىي خەۋپ مىسلىسىز كۈچىيىپ كەتكەن پەيتتە، پارتىيە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى باشلامچىلىق بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، شىئەن ۋەقەسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەنىڭ 2 - قېتىم ھەمكارلىشىشى، ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور تارىخىي رول ئوينىدى. 7 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، پارتىيە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇش توغرا سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىش لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك باش فاڭجېن ۋە خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىر يۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، دۈشمەن ئارقا سېپىدە كەڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىنى ئېچىپ ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلارنى قۇرۇپ، 8 - ئارمىيە، يېڭى 4 - ئارمىيە، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەسى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى باشقا خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باتۇرلارچە جەڭ قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، تاكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر، پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولدى. بۇ، جۇڭگو خەلقى يېقىنقى زاماندىن بۇيان تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتا تولۇق غەلىبە قازانغان تۇنجى مىللىي ئازادلىق كۈرىشى، شۇنداقلا دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى نومۇسسىزلارچە قوزغىغان ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش ئالدىدا، پارتىيە كەڭ ئارمىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئاكتىپ مۇداپىئە كۆرۈشتىن قەدەممۇقەدەم ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتۈپ، لياۋنىڭ - شېنياڭ ئۇرۇشى، خۇەيخەي ئۇرۇشى، بېيپىڭ - تيەنجىن ئۇرۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۇرۇش ۋە چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىدا غەلىبە قازىنىپ، ئوتتۇرا جەنۇب، غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇبلارغا غەلىبىلىك يۈرۈش قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ 8 مىليون كىشىلىك ئارمىيەسىنى يوقىتىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى خەلقنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قەھرىمانلىق شىجائىتى بىلەن قەبىھ دۈشمەنگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشتى.

ئىنقىلابىي كۈرەش جەريانىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جاپا - مۇشەققەتلىك ئىزدىنىش، غايەت زور بەدەل تۆلەش ئارقىلىق توپلىغان بىر قاتار ئىجادىي تەجرىبىلەرنى نەزەرىيەۋى يەكۈنلەپ، يېزا ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىشتەك توغرا ئىنقىلاب يولىنى ئېچىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى يارىتىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

ئىنقىلابىي كۈرەش جەريانىدا، پارتىيە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ غايىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماي باتۇرانە كۈرەش قىلىش، پارتىيەگە سادىق بولۇپ خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئېسىل ئىستىلدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ، قوراللىق كۈرەش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەرنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگە بولغان، ئىدىيە، سىياسىي، تەشكىل جەھەتتە تولۇق مۇستەھكەملەنگەن ماركسىزملىق پارتىيەنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقتى. پارتىيە 1942 - يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن پارتىيەدە ئىستىل تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ماركسىزملىق ئىدىيەۋى تەربىيە ھەرىكىتىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە «بەزى تارىخىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارار»نى چىقىرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى ئاساسىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارىشىنى بىرلىككە كەلتۈردى. پارتىيەنىڭ 7 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى دېموكراتىك يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەر بېكىتىلدى، پۈتۈن پارتىيە ئىدىيە، سىياسىي، تەشكىل جەھەتتە مىسلىسىز بىرلىككە كەلدى ۋە ئىتتىپاقلاشتى.

28 يىل قانلىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز دېموكراتىك زاتلارنىڭ پائال ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، مىللەتنى مۇستەقىللىققە، خەلقنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈپ، كونا جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەت تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئېكسپلاتاتسىيە قىلغۇچىلار كەڭ ئەمگەكچى خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىپ، كونا جۇڭگونىڭ قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن ھالىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاخىرلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر جۇڭگوغا مەجبۇرىي تاڭغان تەڭسىز شەرتنامىلەر ۋە جاھانگىرلىكنىڭ جۇڭگودىكى بارلىق ئىمتىيازلىرىنى تەلتۆكۈس بىكار قىلىپ، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل داۋام قىلغان فېئودال مۇستەبىت سىياسىيدىن خەلق دېموكراتىيەسىگە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، دۇنيانىڭ سىياسىي ئەندىزىسىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ، دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىش يولىدىكى كۈرەشلىرىگە ئىلھام بەردى.

ئەمەلىيەت تولۇق ئىسپاتلىدىكى، تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، مىللەتنى مۇستەقىللىققە، خەلقنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش مۇمكىن بولمايتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى، باشقىلار جۇڭخۇا مىللىتىنى خالىغانچە تالان - تاراج قىلىدىغان، بوزەك قىلىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى ئېراغا قەدەم قويدى.

2. سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملاش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش

سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ھازىرلاش ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىش ئىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىر قاتار كەسكىن خىرىسلارنى يېڭىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قالدۇق قوراللىق كۈچلىرىنى ۋە باندىتلارنى يوقىتىپ، شىزاڭنى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىپ، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تولۇق بىرلىككە كەلتۈردى؛ مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەر ئىسلاھاتىنى تاماملاپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئەر - ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇپ، «ئۈچكە قارشى»، «بەشكە قارشى» ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كونا جەمئىيەتتىن قېپقالغان ئاسارەتلەرنى تازىلاپ، جەمئىيەتنى يېپيېڭى قىياپەتكە كىرگۈزدى. جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ئاجايىپ غەيرەت - شىجائەت بىلەن يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، چىش - تىرنىقىغىچە قوراللانغان كۈچلۈك دۈشمەننى يېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قۇدرىتى، ئارمىيەمىزنىڭ جاسارىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇشقۇن روھى ۋە خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، يېڭى جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى نامايان قىلدى. يېڭى جۇڭگو چىگىچ، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى مۇھىتتا قەددىنى رۇسلىۋالدى.

پارتىيە ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى - دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشكە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا شارائىت ياراتتى. 1949 - يىلى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى» بېكىتىلدى. 1953 - يىلى، پارتىيە ئۆتكۈنچى دەۋردىكى باش لۇشيەننى، يەنى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە، دۆلەتنى تەدرىجىي سوتسىيالىستىك سانائەتلەشتۈرۈش ھەمدە دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، قول سانائەت ۋە كاپىتالىستىك سودا - سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشىنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇشنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى. 1954 - يىلى، 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنى ئېچىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ماقۇللاندى. 1956 - يىلى، دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈم ئورناتتى. پارتىيە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى رەھبەرلىك قىلىپ ئورنىتىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ۋە مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى ۋە راۋاجلاندۇردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە باشقا قاتلامدىكى خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ۋە مۇستەھكەملەپ، كەڭ بىرلىك سەپنى كۈچەيتتى ۋە كېڭەيتتى. سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق يۈكسىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم ئاساس سالدى.

پارتىيە 8 - قۇرۇلتىيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئاساسەن تاماملانغاندىن كېيىنكى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئىشچىلار سىنىپى بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت دۆلىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت بولۇشتىن قالدى، ئۇنىڭ ئورنىنى خەلقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا بولغان ئېھتىياجى بىلەن نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىق ھالىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئالدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋە مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قەدەممۇقەدەم قاندۇرۇش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە دۆلىتىمىزنى تىرىشىپ زامانىۋى سانائەت، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، زامانىۋى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە زامانىۋى پەن - تېخنىكىغا ئىگە سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئومۇميۈزلۈك، كەڭ كۆلەملىك سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى قانات يايدۇردى. بىرقانچە بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويۇش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدە مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسى بەرپا بولدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەردى، مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» قاتارلىق دۆلەت مۇداپىئە ئۆتكۈر پەن - تېخنىكىلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن بۆسۈش ھاسىل بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ قەدەممۇقەدەم راۋاجلاندى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى زورىيىپ ۋە يۈكسىلىپ، نوقۇل قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن تەرەققىي قىلىپ دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى ۋە باشقا تېخنىكىلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرىكمە ئارمىيەگە ئايلىنىپ، يېڭى قۇرۇلغان خەلق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى تىكلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداشقا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

پارتىيە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، ئىززەت - ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى، يېڭى مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرەشلىرىگە مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ، جاھانگىرلىك، زومىگەرلىك، مۇستەملىكىچىلىك، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، كونا جۇڭگونىڭ ھاقارەتلىك دىپلوماتىيەسىگە ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەردى. پارتىيە دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنى ۋەزىيەتكە بېقىپ تەڭشەپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بارلىق قانۇنلۇق ھوقۇقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تاشقى خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغان ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. پارتىيە ئۈچ دۇنياغا ئايرىش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، دەپ تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.

پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان يېڭى خىرىسنى ئالدىن تولۇق كۆرۈپ يېتىپ، ئازادلىق ئۇرۇشى مەملىكەت بويىچە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ھارپىسىدا چاقىرىلغان پارتىيە 7 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنىدىلا پۈتۈن پارتىيەگە كەمتەر بولۇش، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلانماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلايدىغان بولۇش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلايدىغان بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم، زور تېمىلىرىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىدىيە، تەشكىل، ئىستىل جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى مۇستەھكەملىدى. پارتىيە كادىرلار نەزەرىيە ئۆگىنىشى ۋە بىلىم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدىن، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرىدىن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە ئىستىل تۈزىتىش، پارتىيەنى تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، پارتىيە ئەزالىق شەرتىنى ئۆستۈرۈپ، بىيۇروكراتلىق، بۇيرۇقۋازلىق، خىيانەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇردى. پارتىيە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىپ ئاينىپ كېتىشىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ ۋە ئۇنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالىدى. بۇ مۇھىم تەدبىرلەر پارتىيەنىڭ پاكلىقى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن دەسلەپكى تەجرىبە توپلىدى.

بۇ مەزگىلدە، يولداش ماۋ زېدۇڭ ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە «2 - قېتىم بىرلەشتۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم ئىدىيەلەرنى، جۈملىدىن سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخىي باسقۇچ، دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بىلەن خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتنى قەتئىي ئايرىش ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سانائەتلىشىش يولى ئېچىش، قىممەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، پارتىيە بىلەن دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە «ئۇزاققىچە بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش» فاڭجېنىنى يولغا قويۇش، پەن - مەدەنىيەت خىزمىتىدە «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، بارچە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش» فاڭجېنىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىجادىي نەزەرىيە نەتىجىلىرى ھېلىھەم مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى − ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودىكى ئىجادىي تەتبىقلىنىشى ۋە راۋاجى، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان توغرا نەزەرىيەۋى پىرىنسىپى ۋە تەجرىبە يەكۈنى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق تارىخىي ھالقىشى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ جانلىق روھى ھەرقايسى تەشكىلىي قىسىملارغا سىڭگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇل بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئاممىۋى لۇشيەن، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي جەھەتتە گەۋدىلىنىدۇ، ئۇ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي يېتەكچىگە ئىگە قىلدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، پارتىيە 8 - قۇرۇلتىيىدا شەكىللەنگەن توغرا لۇشيەندە تولۇق چىڭ تۇرۇشقا ئىمكان بولمىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتى، خەلق گۇڭشېسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتى قاتارلىق خاتالىقلار سادىر بولدى، ئوڭچىلارغا قارشى كۈرەشمۇ ئېغىر دەرىجىدە كېڭىيىپ كەتتى. ئەينى چاغدىكى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت ئالدىدا، پارتىيە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، نۇرغۇن جەھەتلەردىن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھالبۇكى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتىكى سىنىپىي كۈرەش توغرىسىدىكى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى جەھەتتىكى خاتالىقى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ باردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ خاتالىقلارنى ۋاقتىدا تۈزىتەلمىدى. يولداش ماۋ زېدۇڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەينى چاغدىكى سىنىپىي ۋەزىيىتى، شۇنىڭدەك پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنى تامامەن خاتا مۆلچەرلەپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نى قوزغىدى ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلدى، لىن بياۋ، جياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھلىرى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ خاتالىقىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتكە ۋە خەلققە بالايىئاپەت كەلتۈرىدىغان نۇرغۇن جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئون يىللىق ئىچكى مالىمانچىلىقنى پەيدا قىلىپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلقنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئوڭۇشسىزلىق ۋە زىيانغا دۇچار قىلىپ، ئىنتايىن ئاچچىق ساۋاق قالدۇردى. 1976 - يىلى 10 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىپ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»نى قەتئىي بىتچىت قىلىپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت بۇ ئاپەتكە خاتىمە بەردى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھارپىسىغىچە، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، بارلىق ئېكسپلاتاتسىيە تۈزۈملىرىنى يوقىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەرقتىكى نامرات، قالاق، نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەتنى مەزمۇت قەدەملەر بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە باشلاپ كىرىشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئىزدىنىش جەريانىدا ئېغىر ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، پارتىيە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشتا قولغا كەلتۈرگەن ئىجادىي نەزەرىيە نەتىجىلىرى ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى تارىخىي دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشقا قىممەتلىك تەجرىبە، نەزەرىيە تەييارلىقى ۋە ماددىي ئاساس ھازىرلاپ بەردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، جۇڭگو خەلقى كونا دۇنيانى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يېڭى دۇنيا قۇرۇشقىمۇ ماھىر، جۇڭگونى پەقەت سوتسىيالىزملا قۇتقۇزالايدۇ، جۇڭگونى پەقەت سوتسىيالىزملا تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ.

3. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە جۇڭگودا سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ توغرا يولى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ۋە ئىمكانقەدەر تېزرەك بېيىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولغان تۈزۈلمە كاپالىتى ۋە تېز تەرەققىي قىلىدىغان ماددىي شارائىتقا ئىگە قىلىش ئىدى.

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت قايسى يولغا مېڭىشنى تاللاشقا دۇچ كەلگەن مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، پارتىيە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى، ئۇنداق قىلمىغاندا زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ نابۇت بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. 1978 - يىلى 12 - ئايدا، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىپ، «سىنىپىي كۈرەشنى تۇتقا قىلىش»قا كەسكىنلىك بىلەن خاتىمە بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىستراتېگىيەلىك يۆتكەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىنى ئېچىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىدىكى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نى ئۈزۈل - كېسىل ئىنكار قىلىش ھەققىدە مۇھىم، زور قارار چىقاردى. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە شۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەردە باشتىن - ئاخىر بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىجابىي، سەلبىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن تۈپ مەسىلىنى چۆرىدەپ، دۇنيا سوتسىيالىزم تارىخىدىكى تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى ياراتتى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش توغرىسىدا تارىخىي قارار چىقاردى، سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەننى بېكىتىپ، ئۆز يولىمىزدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشقا دائىر بىر قاتار ئاساسىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، 21 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى.

پارتىيە 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك ۋە قانداق پارتىيە قۇرۇش كېرەك، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدىكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن، دۇنيا سوتسىيالىزمى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان كەسكىن سىناق ئالدىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قوغداپ قالدى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسىنى بېكىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى بېكىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى 21 - ئەسىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ كىردى.

پارتىيە 16 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يولداش خۇ جىنتاۋ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىدە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، قانداق تەرەققىي قىلىش كېرەك قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈردى، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشنى تەكىتلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، پارتىيە ماركسىزملىق ئىدىيەۋى لۇشيەن، سىياسىي لۇشيەن، تەشكىلىي لۇشيەننى قايتا بېكىتىپ، «ئىككى ئومۇمەن» خاتا فاڭجېنىنى ئۈزۈل - كېسىل ئىنكار قىلىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسىغا توغرا باھا بەردى. پارتىيە دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي، مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئاساسىي زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ بىزنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىمىز ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھاللىق جەمئىيەت نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە بىر قاتار توغرا سىياسەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە چىقىرىپ، خەلق ئىگىلىكىنى تەڭشىدى. پارتىيە ئىدىيە، سىياسىي، تەشكىل قاتارلىق ساھەلەردىكى قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاشقا رەھبەرلىك قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنى كەڭ كۆلەمدە تۈزەتتى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشىدى. پارتىيە چىقارغان «دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارار» پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاشنىڭ غەلىبىلىك تاماملانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.

پارتىيە چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش شەرت. يولداش دېڭ شياۋپىڭ: ئەگەر بىر پارتىيە، بىر دۆلەت، بىر مىللەت ھەممىدە كىتابنى ئاساس قىلىدىغان، ئىدىيەدە قاتماللىشىپ قالىدىغان، خۇراپىيلىقنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان بولسا، ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ، ھاياتى توختايدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت مۇنقەرز بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى زور مۇھاكىمىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، يېڭى ئەمەلىيەت ۋە دەۋر شارائىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشقا دائىر تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات باسقۇچى، تۈپ ۋەزىپە، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، سىياسىي كاپالەت، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ئىستراتېگىيە، رەھبەرلىك كۈچى ۋە تايانچ كۈچ قاتارلىق بىر قاتار ئاساسىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يېڭى ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

پارتىيەنىڭ 12 -، 13 -، 14 -، 15 -، 16 -، 17 - قۇرۇلتايلىرى ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتتىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ھەققىدە ئىزچىل ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى ھەمدە كۆپ قېتىم مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىپ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتىنى يېزىلاردا مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا ئالدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا شەھەرلەردە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ زور دەرىجە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە تەقسىمات تۈزۈمىدە چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى. پارتىيە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرگە، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ھەر ساھەدە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈردى ۋە راۋاجلاندۇردى. پارتىيە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى قىلىپ بېكىتىپ، شېنجېن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى قۇرۇش، پۇدۇڭنى ئېچىش - ئېچىۋېتىش، دېڭىز بويى، چېگرا بويى، دەريا بويى، لىنىيە بويى رايونلىرى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق مەركىزىي شەھەرلىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشكىچە، «كىرگۈزۈش»تىن «چىقىرىش»قىچە، ئىچكى - تاشقى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلاندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز يۈكسەك مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە، بېكىنمىلىك، يېرىم بېكىنمىلىكتىن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكە ئۆتۈشتەك تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات چىڭ قائىدە دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنى يولغا قويۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي رايوننىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. پارتىيە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىپ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن پائال ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن چىقىرىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپنى مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى. پارتىيە غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى ۋە زور گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. پارتىيە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەللەر داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەر ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە زامانىۋى، مۇنتىزىم قۇدرەتلىك ئىنقىلابىي ئارمىيە قۇرۇش باش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇچۇرلاشقان شارائىتتىكى قىسمەن دائىرىلىك ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىشنى ھەربىي كۈرەش ھازىرلىقىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سەر خىل قوشۇن يولىدا ماڭدى.

ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، پارتىيە تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك كاشىلىلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار خەۋپ - خەتەر، سىناقلارغا سالماق تاقابىل تۇردى. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى 90 - يىللىرىنىڭ بېشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى، شەرقىي ياۋروپادا جىددىي ئۆزگىرىش بولدى. خەلقئارادىكى كومپارتىيەگە قارشى، سوتسىيالىزمغا قارشى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قوللىشى ۋە قۇترىتىشى ئارقىسىدا، خەلقئارا چوڭ كىلىمات ۋە ئىچكى كىچىك كىلىمات 1989 - يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا دۆلىتىمىزدە ئېغىر سىياسىي بوران - چاپقۇن پەيدا قىلدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خەلققە تايىنىپ، قالايمىقانچىلىققا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قوغداپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداپ قالدى. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى قاتارلىق ئىقتىسادىي خەۋپ - خەتەرلەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈپ، چاڭجياڭ، نېنجياڭ، سۇڭخۇاجياڭ دەريالىرى ۋادىسىدىكى ئېغىر كەلكۈن، ۋېنچۇەندە يۈزبەرگەن پەۋقۇلئاددە ئېغىر يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر ئۈستىدىن، سارس يۇقۇمى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، پارتىيەنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

پارتىيە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورۇنداشنى تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىلمىي تەسەۋۋۇرىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەتەننى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېڭى يول ئاچتى. جاپالىق خىزمەت ۋە كۈرەشلەر ئارقىلىق، دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا ئىگىلىك ھوقۇقى يۈرگۈزۈشنى ئارقا - ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 100 يىللىق ئار - نومۇسىنى يۇيدى. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون نېگىزلىك قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئىش كۆرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدى. پارتىيە تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىيىتىنى ئىگىلەپ، «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئاساسىي فاڭجېنىنى بېكىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن «92 - يىل ئورتاق تونۇشى» ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، ئىككى قىرغاقنىڭ كېڭىشىشى ۋە سۆھبەتلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قوش يۆنىلىشلىك ئومۇميۈزلۈك بىۋاسىتە «ئۈچ ئالاقە»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى پارتىيەلەر ئالاقىسىنى باشلىدى. دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى چىقىرىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنى قەتئىي توسۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى جۇڭگو»، «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن»، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان تۈرلۈك سۇيىقەستلەرنى كۈچلۈك بىتچىت قىلدى.

پارتىيە دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئۈستىدە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ھازىرقى دەۋرنىڭ باش تېمىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، ئەتراپ دۆلەتلەر بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستانە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ھەر تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق تاشقى مۇناسىۋەت يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا باشلىدى. پارتىيە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشكە پايدىلىق يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي يېڭى تەرتىپنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

پارتىيە باشتىن - ئاخىر تەكىتلەپ كەلدىكى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيەنى جەزمەن قاتتىق ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى باشلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش لازىم. پارتىيە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزاننى چىقىرىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى دائىملاشتۇردى؛ پارتىيەنى پىلانلىق، قەدەم - باسقۇچلۇق تەرتىپكە سېلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئىدىيە ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق، تەشكىل ساپ بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى؛ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، ياشلاشتۇرۇش، زىيالىيلاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش فاڭجېنى بويىچە كۈچەيتىپ، ياش - ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىدا كونىلار بىلەن يېڭىلارنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، چىرىكلىشىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي تېمىنى ئوبدان ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، «ئۆگىنىشكە، سىياسىيغا، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىش» تەربىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ئۆگىنىش - تەربىيە پائالىيىتى، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيەسى پائالىيىتى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى قاتارلىق مەركەزلىك ئۆگىنىش - تەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. پارتىيە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھايات - ماماتىغا چېتىلىدىغان يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىغا 40 يىل تولغان پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش يىغىنى ئاچتى، يولداش شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدا قولغا كەلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پارتىيەمىزنىڭ بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئويغىنىشى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چىقاردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نىسبەتەن قالاق بولۇش ھالىتىدىن ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇنغا ئۆتۈشتەك تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى كىيىم پۈتۈن، قورساق توق بولماسلىق ھالىتىدىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا ئاتلىنىشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش − زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تەدبىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى − جۇڭگونى تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە باشلايدىغان توغرا يول، جۇڭگو مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋالدى.

4. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئىدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق بىلەن دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرى − ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، ئۆتكەن ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ كېيىنكى ئىشلارغا ئاساس سالىدىغان، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرىدىغان دەۋر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان دەۋر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئۈزلۈكسىز تۈردە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدىغان، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دەۋر، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دەۋر، دۆلىتىمىز ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۈردە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان دەۋر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرى − دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى.

يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېڭى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ياراتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى − ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن پارتىيە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكىنى، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش شەرت ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى − ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بەش قۇرۇلۇشنى بىر گەۋدە قىلىش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ باش نىشانى − جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولغان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش شەرت ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانى − پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدىن ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە ۋە ئىجادىي قاراشلار پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم، زور نەتىجىسى.

يولداش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، قانداق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش كېرەك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەتنى قانداق قۇرۇش كېرەك، قانداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش كېرەك، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك قاتارلىق مۇھىم، زور دەۋر تېمىلىرى ھەققىدە دۆلەت ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار ئىجادىي يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ − شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋرىمىزدىكى جەۋھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يېڭى ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پارتىيە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى بېكىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كېلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى ۋە پايدىلىق شارائىت يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پارتىيە سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتىكى، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى نۇرغۇن يېڭى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى، ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە، شۇنىڭدەك يېڭىدىن پەيدا بولغان بىر قىسىم زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، پارتىيەنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشنىڭ بىر مەھەل كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇشى سەۋەبىدىن پارتىيە ئىچىدە پاسسىپلىق، چىرىكلىك ھادىسىلىرى يامراپ، سىياسىي ئېكولوگىيەدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلدى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى زىيانغا ئۇچرىدى، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى ئاجىزلاپ كەتتى، پارتىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم، زور سىناققا دۇچ كەلدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئىچكى - تاشقى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى تولۇق ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور فاڭجېن، سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولدى.

(1) پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جەھەتتە

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش يولىدا سىجىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پارتىيە ئىچىدە پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا نىسبەتەن تونۇش مۈجمەل، ھەرىكەت ئاجىز بولۇشتەك بىرمۇنچە مەسىلىلەر، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئاجىزلىشىش، مەۋھۇملىشىش، سۇسلىشىش، چەتلىشىشتىن ئىبارەت بىرمۇنچە مەسىلىلەر ساقلاندى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى كۈچلۈك ئىجرا قىلىنمىدى، بەزىلەر دەيدىغىنىڭنى دەۋەر، قىلىدىغىنىمنى قىلىۋېرىمەن دەيدىغان يولنى تۇتتى، ھەتتا تىلى باشقا، دىلى باشقا بولۇۋېلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايرىقى روشەن ھالدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە رەھبەرلىكى − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسى ۋە جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن پارتىيە ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاپ، ھاكىمىيەتنى ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى پىلانلاش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

پارتىيە مۇنداق دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن رەھبەرلىك، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش − پارتىيەنىڭ جېنى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى − پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئالىي پىرىنسىپى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش − پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزان ماقۇللاندى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسىنى چىقىرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، شەخسىيەتچىلىك، تارقاقچىلىق، لىبېرالىزم، تار مەھكىمىچىلىك، ياخشىچاقلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدە ئاكتىپ، ساغلام سىياسىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىشقا تۈرتكە بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىدىن سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، رېۋىزىيە ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، قوراللىق كۈچلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك تەشكىلاتلاردا رەھبەرلىك رولى ئۆتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيە دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراش ۋە ئۇنىڭغا دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىش، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى يوقىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ئۇسۇلى تېخىمۇ ئىلمىيلىشىپ، پۈتۈن پارتىيە ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ بىرلىككە كېلىپ، سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەت جەھەتتە تېخىمۇ بىردەك بولدى، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

(2) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتە

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر مەھەل پارتىيەنى باشقۇرۇش كۈچلۈك بولماسلىق، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قاتتىق بولماسلىق مەسىلىلىرى كۆرۈلگەچكە، بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ئېتىقادى ئېغىر كىرىزىسكە ئۇچرىدى، بەزى جايلار ۋە تارماقلاردا ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە كەيپىيات توغرا بولمىدى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشى ئەۋج ئالدى، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسى خېلىلا ئومۇملىشىپ قالدى. بولۇپمۇ يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويۇپ، باشقىچە پىكىردىكىلەرنى چەتكە قاقىدىغان، مەزھەپچىلىك، گۇرۇھۋازلىق قىلىدىغان، نامسىز ئۇسۇلدا قارا چاپلاپ، پىتنە - ئىغۋا تارقىتىدىغان، باشقىلارنى ئۆزىگە تارتىپ، سايلامدا ئاۋاز توپلايدىغان، ئەمەل بېرىشنى ۋەدە قىلىپ، بىرى ئەمەل تۇتسا يېقىن - يورۇقلىرى دوست تارتىشىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغاندەك بولۇۋېلىپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان، خورىكى ئۆسۈپ ئۆزىنى بىلمەي، مەركەز ئۈستىدە ئاغزىغا كەلگىنىچە بىلجىرلايدىغان قىلمىشلار پەيدا بولدى، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتتى، چىرىكلىك كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. بۇ «يەتتە خىل قىلمىش» مەسىلىسى پارتىيەنىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە غەزىپىنى قوزغىدى. يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تۆمۈر سوقۇشتا بازغانچى كۈچلۈك بولۇشى شەرت، جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، شۇنداقلا پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى، غايە، ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەتنى چىڭىتىشنى ئاساس، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدىن دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش شەرت. پارتىيە مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭدۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ كۈچلۈك ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالسا ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئىستىل مەسىلىسىدىن باشلاپ تۇتۇش شەرت. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى چىقىرىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىن باشلاش، رەھبىرىي كادىرلاردىن تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئارقىلىق تۆۋەننى يېتەكلەپ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلىدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ھەر يىلى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى ئىزچىل تۈزەپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قارشى تۇرۇپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات بېرىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق قىلىش قاتارلىق ناتوغرا خاھىشلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلگىرى توسقىلى بولمايدۇ دەپ قارالغان ناتوغرا خاھىشلارنى توسۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يوقىتىلمىغان جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يېڭىلىدى.

پارتىيە ئەزەلدىن پۈتۈن پارتىيە غايە - ئېتىقادى مۇستەھكەم، تەشكىلىي سىستېمىسى پۇختا، ئىنتىزام - قائىدە قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى شەرت دەپ تەكىتلەپ كەلدى. ماركسىزم ئېتىقادى، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي روھى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: غايە - ئېتىقاد − كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى «كالتسىيسى»، كوممۇنىستلاردا غايە - ئېتىقاد بولمىسا، مەنىۋى جەھەتتە «كالتسىي كەملىك» كۆرۈلۈپ، «سۆڭەك يۇمشاش كېسىلى»گە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ - دە، مۇقەررەر ھالدا سىياسىي جەھەتتە ئاينىپ كېتىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلىش، ئەخلاق جەھەتتە چۈشكۈنلىشىش، تۇرمۇش جەھەتتە چىرىكلىشىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. پارتىيە پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا ئوخشاش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «تەربىيەلىنىشتە، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە، ئىنتىزامدا تەلەپچان بولۇش، ئىش قىلىشتا، ئىگىلىك تىكلەشتە، ئادىمىيلىكتە راستچىل بولۇش» باش تېما تەربىيەسى، «پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ قائىدە - نىزاملىرىنى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش - تەربىيەسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللاندۇرۇپ، ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى ئىدىيە جەھەتتىن ئاساسىدىن تۈزەپ، مەنبەنى ساپلاشتۇرۇپ، ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئېتىقاد ئاساسىنى چىڭىتىپ، مەنىۋى كالتسىي تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى مەھكەم تۇتۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى قەددىنى رۇسلاش جەھەتتىن تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى. پارتىيە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، سىياسىي ساپا تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر يەر - ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنىلا ئىشقا قويۇش، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل - دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سايلام بېلىتى، نومۇر، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە يېشىغىلا ئېسىلىۋالماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، «بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغان»، «بىۋاسىتە سايلايدىغان» ئىشنى قىلماي، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتىكى ناتوغرا خاھىشلارنى تۈزەتتى. پارتىيە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قاراش، قىممەت قاراشتىن ئىبارەت «باش كەيگۈەن» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھوقۇقنى قەدىرلەپ، ھوقۇقنى ئوبدان باشقۇرۇپ، ھوقۇقنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، خەلققە بەخت يارىتىشنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماسلىقنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۇنياۋى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى تېز بەرپا قىلىپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىپ ئىشلەتتى. پارتىيە تەشكىلىي سىستېمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتەك روشەن يۆنىلىشنى بېكىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىغا تۈرتكە بولدى. پارتىيە ئىنتىزام قانۇندىن چىڭ بولۇش، ئىنتىزام ئىجراسى بىلەن قانۇن ئىجراسىنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك ئىنتىزاملارنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىشقا تۈرتكە بولدى. پارتىيە پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ بىرقەدەر مۇكەممەل ئىچكى نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش، تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: چىرىكلىك − پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش − مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدىغان، شۇنداقلا جەزمەن غەلىبە قازىنىش شەرت بولغان مۇھىم، زور سىياسىي كۈرەش، يۈزلىگەن - مىڭلىغان چىرىك ئۇنسۇرغا تەگمەي قويساق، 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ كۆڭلىگە ئازار يېتىدۇ، شۇڭا ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سېلىپ، ھوقۇقنى قانۇن - ئىنتىزام بويىچە تەسىس قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش، چەك قويۇش، نازارەت قىلىش شەرت. پارتىيە چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جازا ئارقىلىق چۆچۈتۈش، تۈزۈم ئارقىلىق چەك قويۇش، ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە بىر گەۋدە قىلىپ كۈچەپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. چەكلەنگەن رايون قالدۇرماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق توسۇش، كۈچلۈك يۇقىرى بېسىم ئىشلىتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارا ئالغۇچى بىلەن پارا بەرگۈچىنى تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېلونى چوقۇم تەكشۈرۈش، چىرىكلەشكەنلەرنى جەزمەن جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، كېسەلنى كۈچلۈك دورا بىلەن داۋالايدىغان، قالايمىقانچىلىقنى قاتتىق قانۇن ئارقىلىق تۈزەيدىغان ئىرادە، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەر ھەيدەيدىغان، ئەزىمەتلەرچە كەسكىن ئىش قىلىدىغان جاسارەت بىلەن، قەتئىي تەۋرەنمەي «يولۋاسنى دۇمبالىدى»، «چىۋىننى پالاقلىدى»، «تۈلكىنى ئوۋلىدى». ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، خەلقئارا قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ پۇل - زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بارلىق چىرىك ئۇنسۇرلارنى يوقاتتى. پارتىيە سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىنى نىشانلاپ، پارتىيە ئىچىدە مەنپەئەت گۇرۇھى شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جوۋ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، سۈن جېڭسەي، لىڭ جىخۇا قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. پارتىيە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆزىتىش بىلەن كۆزىتىپ تەكشۈرۈش يۇقىرى - تۆۋەندىن ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئەندىزە بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك يېتەكچى قىلىنغان، تۈرلۈك نازارەتچىلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان ۋە ماسلاشتۇرۇلغان مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە قارىتىلغان چەك قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قەتئىي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە سىياسىي كاپالەتلىك رولى تولۇق جارى قىلىندى، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پارتىيەنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگەردى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلدى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەندى، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ تۈگىتىلدى، پارتىيە ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچەيدى.

(3) ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتە

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى چىڭ تۇتۇپ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئىقتىسادنى تېز راۋاجلاندۇرۇش مۆجىزىسىنى يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەزى جايلار ۋە تارماقلاردا بىر تەرەپلىمە ھالدا سۈرئەت ۋە كۆلەمنى قوغلىشىش، تەرەققىيات ئۇسۇلى يىرىك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغانلىقى سەۋەبىدىن، يەنە كېلىپ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن دۇنيا ئىقتىسادى سىجىل پەسكويغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ تەسىرىدە، ئىقتىسادىي جەھەتتە قۇرۇلمىلىق، تۈزۈلمىلىك زىددىيەتلەر ئۈزلۈكسىز توپلىنىپ قېلىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، ماس بولماسلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولماسلىق مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ قالدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى نورماللىققا كىرىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ، ئېشىش سۈرئىتىدە خوت يۆتكەش مەزگىلى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تولغاق مەزگىلى، ئالدىنقى مەزگىللىك قوزغىتىش سىياسىتىنى ھەزىم قىلىش مەزگىلىدىن ئىبارەت «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش»تەك مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىپ، ئەنئەنىۋى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش − دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر ئۆزگىرىش، نوقۇل ھالدا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىگە قاراپلا باھا بېرىشكە بولمايدۇ، ئىجادىي تەرەققىيات بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ماس تەرەققىيات ئىچكى ئالاھىدىلىككە، يېشىل تەرەققىيات ئومۇمىي ھالەتكە، ئوچۇق تەرەققىيات مۇقەررەر يولغا، ھەمبەھرە تەرەققىيات تۈپ مەقسەتكە ئايلانغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش شەرت.

پارتىيە ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ھەر قېتىملىق مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنلىرىدا مەركەزلىك ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىسىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى بەلگىلىدى. پارتىيە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھاملاندۇرۇپ، قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىيىشى، سەرخىللىشىشى ۋە زورىيىشىغا مەدەت بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، كونترول كۈچى، تەسىر كۈچى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى؛ يېقىنلىق - پاكلىق ئاساسىدىكى ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆز كۈچى بىلەن قۇدرەت تېپىشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوغداش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىجادچان دۆلەت ۋە دۇنياۋى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، قالدۇقنى تۈگىتىش، پىشاڭنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، يۈكسەلدۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇردى. ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ماكرو سىياسەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكى، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشقا دائىر قائىدە - تۈزۈملەرنى كۈچەيتىپ، كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنى توسۇپ، بازار تەرتىپىنى قوغداپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كەڭ ئەمگەكچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىدى. پارتىيە رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇش، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدە قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا، ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي رايوننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بەردى. ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. پارتىيە باشتىن - ئاخىر يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىقنى يەر ۋە تېخنىكىغا تايىنىپ ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنىڭ ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش، ئۇرۇق مەنبەسىنى ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەيدىغان بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى.

(4) ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە

پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى قاينام - تاشقىنلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بەزى چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىلىرى ۋە مەنپەئەت مۇقىملىشىپ قېلىش توسالغۇسى كۈندىن - كۈنگە روشەنلىشىپ، ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە قىيىن مەزگىلگە كىردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ چېكى يوق، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ چېكى يوق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭمۇ چېكى يوق، ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، بىر ئىزدا توختاپ قالساق ۋە چېكىنسەك نىجاتلىق تاپالمايمىز، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل - پاراسەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ باغلىنىشچانلىقى ۋە ماسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھاتنى ھەقىقىي تۈردە ئالغا سىلجىتىپ، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىللەتلىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش شەرت ئىدى.

پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى، ئالدىنلىق تەرتىپى، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، خىزمەت مېخانىزمى، ئالغا سىلجىتىش ئۇسۇلى، ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسى بېكىتىلدى. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى دەۋر بۆلگۈچ يىغىن بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئاچقانىدى. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىمۇ دەۋر بۆلگۈچ يىغىن بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ قىسمەن دائىرىدە ئىزدىنىش ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

پارتىيە ئىسلاھات توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە بىر پۈتۈن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. پارتىيە ئىسلاھاتقا ئومۇميۈزلۈك كۈچەشكە، كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا، تېز ھەم پۇختا قەدەم تاشلاشقا، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولدى، ئاساسىنى پۇختا سېلىش، رامكىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، پۇختا ۋەزىيەت يارىتىشقىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماس - يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشقىچە، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئۇللۇق تۈزۈم رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىپ، نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخىي ئۆزگىرىش، سىستېمىلىق قايتا قۇرۇش، بىر پۈتۈن قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، ئېچىۋېتىش ئالغا باستۇرىدۇ، بېكىنىۋېلىش ئارقىدا قالدۇرىدۇ؛ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، كەلگۈسى يارىتىش ئۈچۈن، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا لايىقلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش شەرت. دۆلىتىمىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك زور بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېشىل يول، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيلىك يولى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئېرىشكەن خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندۇردى. دۆلىتىمىز ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى ھەمتۈرتكە قىلىش، «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونلىرى تورىنى بەرپا قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى قۇرۇپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، كۆپ مەنبەلىك، تەڭپۇڭ، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ئاساسىدىكى ئوچۇق ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئۈستۈنلۈكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈپ ۋە تۇراقلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى.

(5) سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتە

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇپ، مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە ئىچكى - تاشقى سىياسىي تەرەققىياتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىرىدىن چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىشتا، ئالدى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىكنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش شەرت، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىش ئاقمايدۇ، ھەتتا دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، كەڭ، ئورگانىك جىپسىلاشقان خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل، راۋان، تەرتىپلىك دېموكراتىيە يوللىرىنى بەرپا قىلىپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردە خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەر تەرەپتىكى تۈزۈملەردە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاش شەرت. غەربنىڭ ئاتالمىش «ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي»، كۆپ پارتىيە نۆۋەت بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، «ئۈچ ھوقۇق ئايرىلىپ تۇرۇش» قاتارلىق سىياسىي پىكىر ئېقىمىنىڭ چىرىتىش تەسىرىدىن ھوشيار بولۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولىدىغان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم ۋە مۇھىم تۈزۈملەردە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرت. پارتىيە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، تەيىنلەش - قالدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، پارا بېرىپ سايلىنىش دېلولىرىنى كەسكىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئىزچىللىشىش، ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مەخسۇس نازارەت قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە تەكلىپ بېرىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق، تۈزۈملۈك راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. پارتىيە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش بېجىرىشتە ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سەر خىل، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن قايتا بېكىتتى. پارتىيە مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى. پارتىيە چوڭ بىرلىك سەپ خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىدى. پارتىيە سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى. بىز خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، جانلىق - جۇشقۇن، تىنچ - ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەت مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى.

(6) دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جەھەتتە

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قانۇنغا ئاساسلانماسلىق، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزمەسلىك، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى سۈرۈشتۈرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ئېغىر دەرىجىدە ساقلاندى، ئەدلىيە چىرىكلىكى پات - پات يۈزبەردى، بەزى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى، قانۇن يۈرگۈزگۈچى خادىملار نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزدى، ھەتتا جىنايەتچىلەرنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ نوپۇزىغا ئېغىر زىيان سېلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. پارتىيە چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، ھوقۇق − «قوش بىسلىق شەمشەر»، قانۇن - نىزام بويىچە يۈرگۈزۈلسە خەلققە بەخت يارىتىدۇ، قانۇن - نىزامغا خىلاپ يۈرگۈزۈلسە مۇقەررەر دۆلەت ۋە خەلققە ئاپەت ياغدۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇنچىللىق گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، قانۇنچىللىق ئاجىزلاشسا دۆلەت قالايمىقانلىشىدۇ؛ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم كاپالىتى، دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاب؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ھاكىمىيەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدە قىلىپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش شەرت.

پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ ۋە مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، قانۇن قائىدىسى سىستېمىسى، قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، قانۇنچىللىق نازارەت سىستېمىسى، قانۇنچىللىق كاپالەت سىستېمىسى ۋە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى.

پارتىيە مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ كەڭ، ئەڭ مۇستەھكەم ئاساسى − خەلق، شۇڭا خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىر قانۇن - تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش شەرت. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتتى. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى، رېۋىزىيە قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنى چىقىرىش، قانۇن چىقىرىش قانۇنى، دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى، مۇھىت ئاسراش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر، چەتكە چېتىشلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش نەتىجىسىدە، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى تېز مۇكەممەللەشتى. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىپ قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي قانۇن ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىگە قارىتىلغان نازارەت قىلىش ۋە چەك قويۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش ۋە تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ناھەق، خاتا دېلولارنى قانۇن بويىچە تۈزىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش چىرىكلىكىنى قاتتىق جازالاپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئادىل، پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتەك كاپالەتلىك رولى يەنىمۇ جارى بولدى، پارتىيەنىڭ قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

(7) مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇپ، مىللەتنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى مۇجەسسەملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۇلپەرەسلىك، راھەتپەرەسلىك، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك ۋە تارىخىي ئىنكارچىلىق قاتارلىق خاتا پىكىر ئېقىملىرى پات - پات پەيدا بولدى، تور ئاممىۋى پىكرىدە قالايمىقانچىلىق ئاۋۇپ كەتتى، بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدانى مۈجمەللىشىپ، كۈرەش روھى ئاجىزلاپ كەتتى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئاممىۋى پىكىر مۇھىتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. پارتىيە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىدىيە، مەدەنىيەتلەر بىر - بىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدە ئىدىيەۋى قاراش چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان يۈزلىنىشنى توغرا ئىگىلەپ، مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدېئولوگىيە خىزمىتى − دۆلەتنىڭ ئىرادىسى، مىللەتنىڭ روھىنى بەلگىلەيدىغان خىزمەت، مەدەنىيەت ئىشەنچى − تېخىمۇ ئۇللۇق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچ، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ ۋە بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ، يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى بولمىسا، مەدەنىيەت گۈللىنىپ روناق تاپمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. خەلق مەركەز قىلىنغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئوبرازنى نامايان قىلىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش شەرت.

پارتىيە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلاپ كېتىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئورنىتىش بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەڭ تۇتۇپ، ناچار ئىشلارنى تۈگىتىپ، ياخشى ئىشلارنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى نۇرغۇن يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، ماركسىزمنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇنغا ئىگە قىلىدىغان تۈپ تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، ھەر خىل خاتا قاراشلارغا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇردى ۋە ئۇنى توستى. پارتىيە تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئاساستىن تۈزەپ مەنبەنى ساپلاشتۇرۇشتىن تۇتۇش قىلىپ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى يىغىنى، پارتىيەنىڭ ئاخبارات - ئاممىۋى پىكىر خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتى سۆھبەت يىغىنلىرىنى ۋە مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، بىر قاتار نېگىزلىك مەسىلىلەردە پىرىنسىپال مەيداننى شەرھلەپ، نەزەرىيەۋى ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، خىزمەت يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ يۈكسىلىش، ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇردى. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى. تارقىتىش ۋاسىتىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاخبارات - ئاممىۋى پىكىرنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئىناۋىتىنى ئۆستۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالاقە تورى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىسەك، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۆتكىلىدىنمۇ ئۆتەلمەيمىز، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە ئىدېئولوگىيە كۈرىشىنىڭ ئاساسىي بازىسى، ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ئەڭ ئالدىنقى سېپى بولغان ئالاقە تورىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقە تورىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالاقە تورىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساپ تور مۇھىتى بەرپا قىلدى.

پارتىيە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق روھ يېتىلدۈرۈش - تاۋلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى تەسىس قىلىپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى قۇرۇپ، ئۆگىنىشچان چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. پارتىيە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزم تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چېگرادىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى، دۆلەتنىڭ قۇدرىتىنى، ئارمىيەنىڭ جاسارىتىنى كۈچلۈك نامايان قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇردى. پارتىيە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گەۋدىلىك ئەۋزەللىكى، دۇنيا مەدەنىيەت دولقۇنىدا مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسى، شۇڭا يېڭى دەۋر شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ ۋارىسلىق قىلىش ۋە ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش شەرت. بىز جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى ۋە ئىجادىي راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۇنياغا جۇڭگو ھېكايىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ئوبدان سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ئوبدان تارقىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ۋەزىيىتىدە ئومۇمىيەتلىك، نېگىزلىك ئۆزگىرىش بولدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

(8) ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش جەھەتتە

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ، دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلىپى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ باردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى − بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش − ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشىمىزنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش − بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش − ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ تەخىرسىز ۋەزىپىسى. شۇڭا ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا كۈچەيتىپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ قىلىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان، كېسەللەر داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان، ئۆيسىزلەر ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان، ئاجىزلار يار - يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش جەھەتلەردە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش شەرت.

پارتىيە چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن - يەتمىگەنلىكتە مۇھىمى دېھقانلارغا قاراش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلغاندىلا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ توغرا تەپەككۇر، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق، پەۋقۇلئاددە تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش شەرت. پارتىيە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەكتىن، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلدۇرماسلىق ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈش خىزمەت نىشانىنى بېكىتىپ، «ھەربىي بۇيرۇق كاپالەتنامىسى» شەكلىدىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتكە كېلىپ، بارلىق سەر خىل كۈچلەرنى ئاتلاندۇرۇپ، ئەڭ مۈشكۈل ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور، سالمىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ ئېلىپ بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى شەكىللەندۈردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىق تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلدى، يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانى مۇددەتتىن 10 يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشتى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي يوسۇندا ھەل قىلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە يارىتىلدى.

2020 - يىلى، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، سالماق تاقابىل تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ مىسلىسىز كۆلەمدىكى ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى يولغا قويۇپ، «سىرتتىن كىرىشنى توسۇش، ئىچكى قىسىمدا قايتا يامراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى باشتىن - ئاخىر ئېھتىياتچانلىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، دۇنيا بويىچە يۇقۇمنى ئەڭ بالدۇر تىزگىنلەپ، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەڭ بالدۇر ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئەڭ بالدۇر ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ياراتتى.

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن، پارتىيە تۆۋەن چەكنى ساقلاش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۆزلىمىنى يېتەكلەش تەپەككۇرى بويىچە، كىرىم تەقسىماتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى. بىز ئۈنۈمنى نامايان قىلىدىغان، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كىرىم تەقسىماتى سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى تەڭشەپ، قانۇنسىز كىرىمنى چەكلەپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن كۆپەيتىپ، زەيتۇنسىمان تەقسىمات ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدۇق، ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسەن ماس قەدەمدە ئاشۇردۇق، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ كىرىمىدىن تېز ئاشتى. بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدۇق. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مائارىپ - ئوقۇتۇشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشى ۋە شەھەر - يېزىلار ئارا بىر گەۋدە بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئوقۇ - ئوقۇتۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەسىپ مائارىپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ئوبدان يولغا قويدۇق. دۆلىتىمىزدە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، 1 مىليارد 20 مىليون ئادەمنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا، 1 مىليارد 360 مىليون ئادەمنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىگە قىلدۇق. ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش خىزمىتىدە مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە يۆتكىلىشكە، بايلىقنى تۆۋەنگە مايىللىشىشقا يېتەكلەپ، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ۋەقەلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا ۋاقتىدا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو تېبابەتچىلىكى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇردۇق. تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇردۇق. نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەكشى كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. مېيىپلەر ئىشلىرىنى تېز راۋاجلاندۇردۇق. ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ سۇبيېكت تەمىنلەيدىغان، كۆپ يوللار بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىدىغان، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق.

پارتىيە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمى بەرپا قىلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدىغان، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەممە ئادەم بەھرىمەن بولىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلدى. ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە ماجىرالارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنى ياراشتۇرۇش، ھەل قىلىش ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قارا - رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، قارا - رەزىل كۈچلەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن، قانات ئاستىغا ئالغان ھەتتا ئۇلارغا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇپ بەرگەن پارتىيەلىك كادىرلارنى قەتئىي جازالاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، يېڭىچە تور جىنايىتى، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بەردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىپ، خەلق تۇرمۇشى ھەر تەرەپلىمە ياخشىلاندى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىيلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، جەمئىيەت تىنچ، تەرتىپلىك بولغان ياخشى ۋەزىيەت راۋاجلىنىپ، جەمئىيەت ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش مۆجىزىسى داۋاملىق پۈتۈلدى.

(9) ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا كۈندىن - كۈنگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى يەنىلا روشەن كەمتۈكلۈك بولۇپ، بايلىق، مۇھىت چەكلىمىسى كۈچىيىپ بېرىش، ئېكولوگىيە سىستېمىسى چېكىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ چىقتى، بولۇپمۇ خىلمۇخىل مۇھىت بۇلغىنىش، ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ھادىسىلىرى كۆپ يۈزبېرىپ، زېمىنغا زىيان، خەلق تۇرمۇشىغا ئاپەت ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىش يۈزلىنىشى چىڭ تۇتۇپ ئۆزگەرتىلمىسە، ئىنتايىن ئېغىر بەدەل تۆلەش مۇقەررەر ئىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا بېرىپ تاقىلىدىغان تۈپ تەدبىر، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق، شۇڭا بىر مەھەللىك ئىقتىسادىي ئېشىشنى كۆزلەپ مۇھىتنى قۇربان قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدە قىلىپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى قوغدىغاندەك قوغدىشىمىز، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز، يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلىنىدىغان، تۇرمۇش باياشات بولىدىغان، ئېكولوگىيە ياخشىلىنىدىغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز شەرت.

پارتىيە ئىدىيە، قانۇن، تۈزۈلمە، تەشكىل، ئىستىل جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ھەر تەرەپلىمە، ئومۇمىي دائىرىلىك، پۈتۈن جەريانلىق كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى بېكىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار نېگىزلىك، ئىجادىي، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. پارتىيە ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى، زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش تۈزۈمى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نىشانىنى باھالاش - سىناش تۈزۈمى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى تۈزۈمى، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشتا «پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەت بىرلىكتە مەسئۇل بولۇش» ۋە «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش» تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى چىقاردى ۋە تۈزەتتى. زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش ئەندىزىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك زېمىن كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، چوڭ دەريا ۋە مۇھىم كۆل، سۇلۇق يەرلەر، ھەم دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان ماكان ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. پارتىيە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە تىرىشىپ غەلىبە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاك تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ئوبدان قىلىپ، يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، «چەت ئەل ئەخلىتى»نى ئىمپورت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلدى. مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىكى نازارەتچىلىكىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بىر تۈركۈم زور تىپىك دېلولارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. دۆلىتىمىز يەر شارى مۇھىتى ۋە كىلىماتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، 2030 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ھەققىدە تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى مىسلىسىز سالماق بىلەن چىڭ تۇتتى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور قەدەم تاشلاندى، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى.

(10) دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش، مۇنتىزىملىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرى ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۈچۈن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش شەرت، ئارمىيە قۇدرەت تاپقاندىلا دۆلەت ئامان بولىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئورنىغا مۇناسىپ كېلىدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىگە لايىقلاشقان مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش شەرت.

پارتىيە يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى بېكىتىپ، 2027 - يىلىغىچە ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، 2035 - يىلىغىچە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي نەزەرىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي شەكلىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ھەربىي خادىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە قورال - جابدۇقلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ماشىنىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، ئەقلىيلىشىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى.

قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى پارتىيە خەلق ئارمىيەسىگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە قوماندانلىق ھوقۇقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا تەۋە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. بىر مەزگىل، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان رەھبەرلىكى ئاجىز بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىنىپ قالدى، ئەگەر بۇ مەسىلە ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنمىسا، جەڭگىۋارلىققا تەسىر يېتىپلا قالماي، پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي پىرىنسىپقىمۇ تەسىر يېتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سالدى، گۇتيەندە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى ئىستىل تۈزىتىش روھى ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخوۋ، فاڭ فېڭخۇي، جاڭ ياڭ قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا - قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ھەم ئۇلار تارقاتقان زەھەرنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلاپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

پارتىيە ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىك - قوماندانلىق تۈزۈلمىسى، زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسى، ھەربىي سىياسەت تۈزۈمىنى قايتا بەرپا قىلىپ، 300 مىڭ رەسمىي ھەربىي ئىشتاتىنى قىسقارتىپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان، ئۇرۇش رايونى ئۇرۇش قىلىشقا، ئارمىيە تۈرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولىدىغان يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈردى. دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىنقىلابى ئالدىدا، بىز ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىجادچان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ، قۇدرەتلىك زامانىۋى ئارقا سەپ بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسى ۋە قورال - جابدۇق قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋر ھەربىي مائارىپ فاڭجېنىنى بېكىتىپ، ئارمىيەنىڭ ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئېنىق بەلگىلەپ، ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك، پەزىلەتلىك يېڭى دەۋر ئىنقىلابىي ھەربىيلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، پولاتتەك مۇستەھكەم ئېتىقادقا، پولاتتەك مۇستەھكەم ئىشەنچكە، پولاتتەك مۇستەھكەم ئىنتىزامغا، پولاتتەك مۇستەھكەم مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە، قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قوشۇن بەرپا قىلدۇق. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ھەربىي قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتۇق. ھەربىيلەر شان - شەرەپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق.

پارتىيە خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەربىي ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك جايلاشتۇرۇشنى تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ۋەزىيەت يارىتىش، كىرىزىسنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئۇرۇشنى توسۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتتى. خەلق ئارمىيەسى جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمنى مەھكەم ئىگىلەپ، جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش تۈپ يۆنىلىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچ ۋە يېڭى ساھە، يېڭى خاراكتېردىكى جەڭ قىلىش كۈچلىرىنى زورايتىپ، بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «تىنچلىق ئىللەتلىرى»نى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇدرەتلىك، مۇستەھكەم زامانىۋى چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى بەرپا قىلىپ، ھەربىي كۈرەشنى قەتئىي، جانلىق قانات يايدۇرۇپ، تاشقى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىككە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىنى چۆچۈتۈپ، چېگرا مۇداپىئە كۈرىشى، دېڭىزدا ھوقۇق قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، دېڭىز قاتنىشىدا تىنچلىق ساقلاش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ۋە خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىق قاتارلىق مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق ئارمىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىنىپ، يېڭىباشتىن جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلاندى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ بىلەن ماس قەدەمدە ئاشتى، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى تېز بەرپا قىلىنىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش - كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈلمىسى ئورنىتىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. خەلق ئارمىيەسى يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، قەيسەرانە كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىدى.

(11) دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتە

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇللۇق خىزمىتى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى بىخەتەر مۇھىت ياراتتى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىز تېخىمۇ كەسكىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى، تاشقى بېسىم مىسلىسىز كۈچىيىپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى گىرەلىشىپ كەتتى، «قارا ئاق قۇ»، «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرى پات - پات كۆرۈلۈپ تۇردى. ۋەزىيەت - ۋەزىپىلەرنىڭ تەلىپىگە سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس، تۈرلۈك زور خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەل ئەمەس ئىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت ئاسايىش، خەلق بەخت - سائادەتلىك بولۇش − خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ تۈپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاشتا، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى نېگىز، ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىكنى ئاساس، ھەربىي، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي خەۋپسىزلىكنى كاپالەت، خەلقئارا خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تايانچ قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكنى، ئۆز خەۋپسىزلىكىمىز بىلەن ئورتاق خەۋپسىزلىكنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىكى بەرپا قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش شەرت.

يولداش شى جىنپىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش − ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ تەكىتلەپ، سىياسىي، ھەربىي، زېمىن، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، پەن - تېخنىكا، تور، ئېكولوگىيە، بايلىق، يادرو، چەت ئەللەردىكى مەنپەئەت، ئالەم بوشلۇقى، چوڭقۇر دېڭىز، قۇتۇپ رايونى، جانلىقلار قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىن كۈرەش روھىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىشنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، سىرتتىن كەلگەن تۈرلۈك قاپساپ توسۇش، بېسىم ئىشلىتىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى ئالدىدا، يامان كۈچلەردىن قورقمايدىغان روھنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىنى كېچىكتۈرۈشكە ھەتتا توسۇشقا ئۇرۇنغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش شەرت، ھەمىشە يول قويۇۋەرسەك، زومىگەرلىك بارغانسېرى تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ مادارا قىلساق تېخىمۇ ھاقارەتلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.

پارتىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنى قۇرۇپ، مەركەزلىك، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنچىللىق سىستېمىسى، ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلدى. پارتىيە بىخەتەر تەرەققىياتنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت خەۋپسىزلىكى، تۈزۈم خەۋپسىزلىكى، ئىدېئولوگىيە خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىق - تەربىيەسى ۋە ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، ئاغدۇرمىچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، تاشقى جەھەتتىكى چېكىدىن ئاشقان بېسىم ئىشلىتىش ۋە توسۇشقا تاقابىل تۇرۇپ ۋە قايتۇرما زەربە بېرىپ، شياڭگاڭغا، تەيۋەنگە، شىنجاڭغا، شىزاڭغا ۋە دېڭىزغا چېتىلىدىغان كۈرەشلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە، تەبىئەت دۇنياسى قاتارلىق تەرەپلەردىن كەلگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى.

(12) «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە

شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا قايتا كىرىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئورتاق راۋاجلىنىدىغان داغدام يولغا قەدەم قويدى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپىغا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر مەزگىل، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىكى مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، «مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى قالايمىقان قىلىش» ھەرىكىتى ئەدەپ كېتىپ، شياڭگاڭ ۋەزىيىتى بىر مەھەل كەسكىنلىشىپ كەتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنى، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداپ، مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت، دەپ تەكىتلىدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەركەزنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلارغا ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ھوقۇقى يۈرگۈزۈشىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلارنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار تۈزۈم - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدە مۇھىم، زور قارار چىقىرىپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن - تۈزۈم ۋە ئىجرا مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى»نى چىقىرىش، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللىدى. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەھكىمىسىنى تەسىس قىلدى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن بويىچە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كومىتېتى قۇردى. مەركەز شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قالايمىقانچىلىقنى قانۇن بويىچە تىزگىنلىشى، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قەتئىي قوللاپ، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، بۆلگۈنچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىنى ئومۇميۈزلۈك قوللاپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا مەدەتكار بولۇپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ دۆلەت ئېڭى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتتى. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر شياڭگاڭ ۋەزىيىتىدە قالايمىقانچىلىقتىن تۈزىلىشكە ئۆتۈشتەك مۇھىم، زور بۇرۇلۇش بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭنى، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش − پارتىيەمىزنىڭ باش تارتماس تارىخىي ۋەزىپىسى، پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەپ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نەزەرىيەسى ۋە تەيۋەنگە قارىتىلغان فاڭجېن، سىياسەتلەرنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يولداش شى جىنپىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم، زور سىياسەت - تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى. بىز 1949 - يىلىدىن بۇيانقى ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرى تۇنجى ئۇچرىشىشى، ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە سۆھبىتى ۋە ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. پارتىيە «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقە - ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى. 2016 - يىلىدىن بۇيان، تەيۋەن دائىرىلىرى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشنى تېزلىتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتتى. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىدۇق. ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ زامانى ۋە ۋەزىيىتى باشتىن - ئاخىر بىز تەرەپتە.

ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار ۋە تەيۋەندىكى قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقى چوقۇم ساقلىنىدۇ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

(13) دىپلوماتىيە خىزمىتى جەھەتتە

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشەلدى، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا بولغان تەھدىتى كۈچىيىپ كەتتى، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمى ئۇلغىيىپ، دۇنيا داۋالغۇشلۇق ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ھەم مىسلىسىز تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، ئىچكى - تاشقى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات ئېقىمىنى يېتەكلەش شەرت.

پارتىيە يېڭى دەۋر دىپلوماتىيە خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى ئىگىلەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ ئىگىلەپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمىلىك، كۆپ قاتلاملىق، ئستېرېئولۇق دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇردى. بىز چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاپ، چوڭ دۆلەتلەر ئارا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىدىغان ئەتراپ دىپلوماتىيە فاڭجېنى بويىچە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەتراپ ئىستراتېگىيەلىك تايانچىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئەتراپ تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلدۇق. توغرا ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشى ۋە چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ھەمكارلىشىش مېخانىزمى بىلەن تولۇق قاپلىدۇق. پارتىيە دۇنيادىكى 500دىن ئارتۇق پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلات بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ، پارتىيەلەرنىڭ ئالاقە - ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. «چىقىرىش» كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، چەت ئەلدىكى مەنپەئەتنى قوغداش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەلدىكى مەنپەئەتكە ئالاقىدار بىرقاتار خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇردى.

دۆلىتىمىز دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئاساسىي مەقسەت ۋە پىرىنسىپلار ئاساس قىلىنغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا پائال تۈرتكە بولدى. دۆلىتىمىز خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئىجابىي قاتنىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، نامراتلارنى ئازايتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى ۋە رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى. دۆلىتىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك دۇنياۋى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوزغاپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ماددىي ئەشيا ياردىمى، داۋالاش مەدىتى، ۋاكسىنا ياردىمى ۋە ھەمكارلىقى بىلەن تەمىنلەپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىدى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان روشەن بايراققا ئايلاندى، دۆلىتىمىز دىپلوماتىيەسى دۇنياۋى زور ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۇنياۋى مالىمانچىلىق داۋامىدا خەۋپ - خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يارىتىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

ئومۇمەن، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ياساپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مىسلىسىز دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ ۋە ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ مۇستەھكەم ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

5. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى

100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ھەيۋەتلىك گۈزەل كارتىنىنى سىزىپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.

(1) پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. يېقىنقى زاماندىن كېيىن، جۇڭگو خەلقى ئۈچ چوڭ تاغنىڭ ئېغىر زۇلۇمىغا ئۇچراپ، غەربتىكى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر تەرىپىدىن «شەرقىي ئاسىيا كېسەل كۆرپىسى» دەپ ھاقارەتلەنگەنىدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قاينام - تاشقىنلىق ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنى بوزەك بولۇش، ئېزىلىش، قۇل بولۇش تەقدىرىدىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلدۇرۇپ، دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندۇردى، خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇردى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئېڭى بىلەن، ئىرادىسى، شىجائىتى ۋە غەيرىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، تارىخىي مۇساپىدە توپلىغان قۇدرەتلىك ئېنېرگىيەسىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى ۋە تارىخىي ئىجادكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن پۈتمەكتە.

(2) پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى ئاچتى. يېقىنقى زاماندىن كېيىن، پارلاق مەدەنىيلىك ياراتقان جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيلىكىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان ئېغىر كىرىزىسقا پېتىپ قېلىپ، دۇنيانىڭ نەزەرىدە خارابلاشقان قىياپەتتە نامايان بولدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى. جۇڭگو چاك - چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىش، قۇمدەك چېچىلىپ كېتىشتىن يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كېلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇشقىچە، نامرات، ئاجىز، قالاق بولۇشتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىپ، گۈللەپ روناق تېپىشقىچە، خالىغانچە تالان - تاراج قىلىنىپ، يەتكۈچە بوزەك بولۇشتىن مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە ئىشەنچكە تولۇشقىچە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى نەچچە ئون يىلدىلا تاماملاپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيانىڭ نەزەرىدە گۈللەپ ياشنىغان قىياپەتتە نامايان بولۇپ، دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

(3) پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ماركسىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، ئۇ − دۇنيانى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ئىلمىي ھەقىقەت. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيادىكى ماركسىزمچىلارنىڭ نەزەرىيەدىن تارتىپ ئەمەلىيەتكىچە ئىنتايىن جاپالىق، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ماركسىزمنى ئۆز بايرىقىغا يېزىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلىشىشى، دەۋرلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى. ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقەتلىكىنى جۇڭگودا تولۇق سىناقتىن ئۆتكۈزدى، ماركسىزمنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى جۇڭگودا تولۇق ئىزچىللاشتۇردى، ماركسىزمنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە دەۋرچانلىقىنى جۇڭگودا تولۇق نامايان قىلدى. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ۋە دەۋرلەشتۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز غەلىبە قازىنىپ، ماركسىزمنى دۇنياغا يېپيېڭى قىياپەتتە نامايان قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدىكى سوتسىيالىزم ۋە كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئىككى ئىدېئولوگىيە ۋە ئىككى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى ۋە كۈچ سىنىشىشىدا سوتسىيالىزمغا پايدىلىق مۇھىم، زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.

(4) پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى − ئىنسانىيەت تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىدە يېڭى ھالەت يارىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى تېز تەرەققىي قىلىشنىمۇ، ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنىمۇ ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە يېپيېڭى يول تېپىپ بەردى. پارتىيە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىم، زور مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

(5) پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقتى. پارتىيە قۇرۇلغاندا ئارانلا 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسى بار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە بولغان، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىدىغان، مۇھىم، زور دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە ئايلاندى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، غايە - ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، ھايات - ماماتلىق كۈرەش ۋە جاپالىق كۈرەشلەر داۋامىدا تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، روشەن سىياسىي خىسلىتىنى تاۋلاپ چىقىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان مەنىۋى شەجەرە شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، ھازىر جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قاراپ توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە.

6. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەر

100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىق داۋامىدا تېخىمۇ غەيرەتكە تولۇپ، خۇلاسىلەش داۋامىدا يۈكسىلىپ، قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبە توپلىدى.

(1) پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى − ئىشلىرىمىزغا رەھبەرلىك قىلىدىغان يادرولۇق كۈچ. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن كېيىن تارىخىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى ئەڭ نېگىزلىك سەۋەب جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغانلىقىدۇر. تارىخ ۋە رېئاللىق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىمۇ بولمايدۇ. بىزنىڭكىدەك دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە ۋە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىشتا، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر ئومۇملۇقنى ئىگىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يادروسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھە، تەرەپ، ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلا بولساق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە چوقۇم ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

(2) خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچ - قۇدرىتى خەلقتە، خەلق − پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئاساسى. ئەلرايى − ئەڭ چوڭ سىياسىي، ھەققانىيلىق − ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ. پارتىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى − ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خەۋپ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىدۇر. پارتىيە جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، ئەزەلدىن ھېچقانداق مەنپەئەت گۇرۇھى، ھوقۇق تەشكىلاتى، ئىمتىياز قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، بۇ پارتىيەنىڭ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالىشىنىڭ تۈپ ئاساسى. بىز جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر دېگەن ھۆكۈمنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن خەلقنى ئورتاق بېيىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدىغانلا بولساق، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو خەلقىنى ئايرىۋېتىش، قارىمۇقارشى قىلىپ قويۇش نىيىتىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇش مەڭگۈ ئىشقا ئاشمايدۇ.

(3) نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش. ماركسىزم − پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىمىزنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسى. ماركسىزم نەزەرىيەسى دوگما ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، شۇڭا ئەمەلىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش شەرت، ئۇنى جۇڭگوچىلاشتۇرغاندىلا يىلتىز تارتقۇزغىلى، ئۆزلەشتۈرگەندىلا كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرگىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قايتا - قايتا ئىزدىنىش، قايتا - قايتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش، قايتا - قايتا يول ئېچىش داۋامىدا جۇڭگودىكى باشقا سىياسىي كۈچلەر ئورۇندىيالمايدىغان مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالىشىنىڭ تۈپ نېگىزى دەل ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ۋە خەلقنىڭ سوئالىغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ، ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلىشىشى، دەۋرلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقانلىقىدۇر. يولداش شى جىنپىڭ: زامانىمىزدىكى جۇڭگودا بولۇۋاتقان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر دۆلىتىمىز تارىخ - مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلىي ئەندىزىسىنىڭ ئاددىي داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئەمەس، ماركسىزم كىلاسسىكلىرى تەسەۋۋۇرىدىكى ئەندىزىنىڭ ئاددىي تەتبىقلانمىسى ئەمەس، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، شۇنداقلا چەت ئەللەرنىڭ زامانىۋى تەرەققىياتىنىڭ تەقلىدىي نۇسخىسىمۇ ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى. بىز نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ دادىللىق بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ماھىرلىق بىلەن يېڭى نەزەرىيە ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلا بولساق، جۇڭگو زېمىنىدا ماركسىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ھەقىقەت كۈچىنى چوقۇم نامايان قىلالايمىز.

(4) مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش − جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ جېنى، شۇنداقلا پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇشىمىزدىكى مۇھىم پىرىنسىپ. ئۆز يولىمىزدا مېڭىش − پارتىيە 100 يىللىق كۈرەش ئارقىلىق چىقارغان تارىخىي يەكۈن. پارتىيە ئەزەلدىن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچى ئاساسىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىشلىرىغا جۇڭگو خەلقى ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە ئۇنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ئىنسانىيەت تارىخىدا، تاشقى كۈچكە تايىنىپ، چەت ئەلنىڭ ئەندىزىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ، باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىپ قۇدرەت تاپقان ۋە گۈللەنگەن بىرمۇ مىللەت ۋە بىرمۇ دۆلەت يوق. ئۇنداق قىلغانلار يا مۇقەررەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ، يا مۇقەررەر باشقىلارنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىز مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەللەرنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىش بىلەن بىرگە مىللىي غۇرۇر ۋە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يامانلارغا پەرۋا قىلماي، بېسىمدىن قورقمايدىغانلا بولساق، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە يۈكسىلىش تەقدىرىنى چوقۇم باشتىن - ئاخىر ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرالايمىز.

(5) جۇڭگو يولىدا چىڭ تۇرۇش. يۆنىلىش يولنى، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا يول ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە ئۇنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى − خەلقنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان داغدام يول. جۇڭخۇا زېمىنىنى ئاساس قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا يولدا ماڭغاندا، پارتىيە ۋە خەلق مىسلىسىز كەڭ سەھنىگە، مىسلىسىز پۇختا تارىخىي ئاساسقا، مىسلىسىز كۈچلۈك ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئېرىشىدۇ. بىز بېكىنمە ۋە قاتمال كونا يولغىمۇ، بايراق ئۆزگەرتىدىغان ئەگرى يولغىمۇ ماڭماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدىغانلا بولساق، دۆلىتىمىزنى چوقۇم باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.

(6) دۇنيانى كۆڭۈلگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش. ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق ھۆكۈم سۈرگەندە، جاھان ئومۇمغا مەنسۇپ بولىدۇ. پارتىيە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە باشتىن - ئاخىر دۇنياۋى نەزەر بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ بۈيۈك ئېقىمى، دۇنيا ئۆزگىرىشىنىڭ بۈيۈك ئەندىزىسى ۋە جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ بۈيۈك تارىخىدىن تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ بېكىنمىچىلىك قىلماي، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىش بىلەن شۇغۇللانماي، ئادىللىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەققانىيلىقنى ياقلاپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىنى، ئىنسانلارنىڭ يۈكسىلىشىنى قوللاپ كەلدى. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، دۇنيادىكى بارلىق تەرەققىيپەرۋەر كۈچلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، باشقىلارغا بېقىنماي، باشقىلارنى تالان - تاراج قىلماي، مەڭگۈ زومىگەر بولمىساقلا، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، تارىخ چاقىنىڭ پارلاق ئىستىقبالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە چوقۇم تۈرتكە بولالايمىز.

(7) يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش. يېڭىلىق يارىتىش − بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئىش قانچە ئۇلۇغۋار بولسا، شۇنچە جاپا - مۇشەققەتلىك بولىدۇ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشنى، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشنى شۇنچە تەلەپ قىلىدۇ. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، ئالدىنقىلار ئاچالمىغان يولنى ئاچتى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ھېچقانداق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر توسۇپ قالالمىدى. بىز دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، خەلقنىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى دادىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىش ياساپ، مەڭگۈ قاتماللىشىپ قالماي، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالمايدىغانلا بولساق، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ جاھان مۆجىزىلىرىنى چوقۇم يارىتالايمىز.

(8) دادىل كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. دادىل كۈرەش قىلىش، دادىل غەلىبە قازىنىش − پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭىلمەس قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى. پارتىيە ۋە خەلق قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، باشقىلار بەرگەن ئىلتىپاتمۇ ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن. پارتىيە ئىچكى ئەنسىزلىك ۋە تاشقى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە دۇنياغا كېلىپ، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا زورايدى، خەلق، دۆلەت، مىللەت ئۈچۈن، غايە - ئېتىقاد ئۈچۈن، دۈشمەن ھەرقانچە كۈچلۈك، يول ھەرقانچە خەتەرلىك، خىرىس ھەرقانچە كەسكىن بولسىمۇ، پارتىيە قەتئىي قورقۇپ قالمىدى، قەتئىي ئارقىغا چېكىنمىدى، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ئېگىلمەي - سۇنماي تىك تۇردى. بىز يېڭى ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغانلا بولساق، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان بارلىق خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى چوقۇم يېڭەلەيمىز.

(9) بىرلىك سەپتە چىڭ تۇرۇش. ئىتتىپاقلىق − كۈچ. ئەڭ كەڭ بىرلىك سەپ قۇرۇش − پارتىيەنىڭ دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. پارتىيە بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىكتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشقا سېلىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان كۈچلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملىدى. بىز مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدىغانلا بولساق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى چوقۇم مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

(10) ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى − پارتىيەنىڭ ياشلىق باھارى ۋە ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشىدىكى كۈچلۈك تىرەك. ئىلغار ماركسىزملىق پارتىيە تەبىئىي بار بولغان ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا تاۋلىنىپ چىققان. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش داۋامىدا تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنىڭ سىرى باشتىن - ئاخىر ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقىنى تۈزەتكەنلىكىدۇر. پارتىيەنىڭ ئۇلۇغلۇقى خاتالىق سادىر قىلماسلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن كېسىلىنى يوشۇرماي، داۋالىنىشتىن باش تارتماي، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بىز پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان سالىدىغان بارلىق ئامىللارنى، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلايدىغانلا بولساق، پارتىيەنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، خىسلىتى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا چوقۇم ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

بۇ ئون قىممەتلىك تەجرىبە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەتتىن توپلانغان، پارتىيە ۋە خەلق ئورتاق ياراتقان مەنىۋى بايلىق، شۇڭا ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەمدە يېڭى دەۋر ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

7. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان پارتىيە، 100 يىل دەل ئۇنىڭ قىرانلىق مەزگىلى. ئۆتكەن 100 يىلدا، پارتىيە خەلق ۋە تارىخقا ئەلا نەتىجىلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، پارتىيە جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان يېڭى ئىمتىھانغا ئاتلاندى. دەۋر − سوئال چىقارغۇچى، بىز − ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق − ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى. بىز چوقۇم ئىمتىھاندا داۋاملىق ياخشى نەتىجە قازىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىش ھەققىدە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى. 2020 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىمىز، 2035 - يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز. شۇ چاغقا بارغاندا، دۆلىتىمىز ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلگەن، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى زامانىۋىلاشقان، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىرى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى ئاساسەن ئىشقا ئېشىپ، خەلقىمىز تېخىمۇ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا تېخىمۇ مەردانە قىياپەت بىلەن قەد كۆتۈرىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۈتۈن پارتىيە سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا - دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار يەنىلا مەۋجۇت؛ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىز ھېلىھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، دۆلىتىمىز ھېلىھەم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. پۈتۈن پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەن تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق - ئالدىراقسانلىق قىلماي، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغ غەلىبىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىگە تولۇپ، ئەگرى - توقايلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن تارىخىي ساۋاق ئېلىپ، ھەرقانداق خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ھەرقانداق كاشىلىدىن قايمۇقۇپ قالماي، نېگىزلىك مەسىلىلەردە ھەرگىز ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلماي، تۇتقان ئىشنى بوشاشتۇرۇپ قويمايدىغان قەتئىيلىك بىلەن بەلگىلەنگەن نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەيدىغان سەگەكلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

پۈتۈن پارتىيە ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرنى يېتەكلەپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى شەرت. پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقنى بېيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، جۇڭگونى گۈزەللەشتۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىشى شەرت.

پۈتۈن پارتىيە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ۋە خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى شەرت.

پۈتۈن پارتىيە خەۋپ - خەتەرنى ئەستىن چىقارمىغان روناق تاپۇر، راھەت - پاراغەتكە بېرىلگەن ھالاك بولۇر دېگەن ھېكمەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقىغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتەرسىزلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق - چىرىكلىك خەۋپىدىن غالىب كېلىشى شەرت. قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىنى ساقلاپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، تاغ يولۇقسا يول ئېچىپ، دەريا يولۇقسا كۆۋرۈك سېلىپ ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا تىز پۈكمەي، بېسىم ئالدىدا باش ئەگمەي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى شەرت.

پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا موھتاج، شۇڭا ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ تەدبىرنى چىڭ تۇتۇش شەرت. كىشىلەرنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق تەربىيەلەش، پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى ئارقىلىق ئۇيۇشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچ ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان زور بىر تۈركۈم ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلارنى، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈپ ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ دېگەن قائىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئالىيجاناب ئىدىيەۋى مەنزىلگە ئىنتىلىش، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ھەر جەھەتتىكى ئىلغارلارنى، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ياشلارنى پارتىيەگە ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ياش پارتىيە ئەزالىرىنى مەڭگۈ پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيە ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىپ، پارتىيەنىڭ قىزىل قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش داۋامىدا ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشىدىغان، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئۈزلۈكسىز تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قەدىرلەپ، ئىخلاس بىلەن تەربىيەلەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىتىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىگە توپلاش كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆتمۈشتىكى ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئۆتكەن 100 يىلدا ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپ قۇچقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جەزمەن تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپ قۇچالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ