مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كىم يەنە قارىغۇلارچە ھالدا «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش بەك ياخشى» دەپ جار سېلىۋاتىدۇ؟

2021.11.17 19:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 8-ئايدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «996» خىزمەت تۈزۈمىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئالاقە تورى چوڭ شىركەتلىرى بەس-بەستە ئۆزگەرتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى، چىراغنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈشتىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقىچە، تۈرلۈك تەدبىرلەر خېلى كۆپ بولدى. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر يوشۇرۇن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى تۈگىتىش يەنىلا تەس، دەپ ئويلىسىمۇ، لېكىن ئويلاپ باقمىغان ئىش شۇكى، بۈگۈنكى كۈندە يەنە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتىنى ئاشكارا تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ. توردا تارقىتىلغان سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، IT كارخانىسى لاڭچاۋ گۇرۇھى جىنەن ئىش بېجىرىش رايونىدا «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش بەك ياخشى» دېگەندەك شوئارلار ئېسىلغان. 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، جىنەن شەھەرلىك ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيە تارماق ئەترىتى بۇ ئىشنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ ئىشتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىن باشقا، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش، تەھلىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر. ئىچكى چىرمىشىشقا قارشى تۇرۇش، مەجبۇرىي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە قارشى تۇرۇش جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغاندا، نېمە ئۈچۈن بەزى كارخانىلار شۇنچە «بەڭباشلىق» قىلىدۇ؟ لاڭچاۋ گۇرۇھى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئارقىلىق «بىز تېخى ئورۇنداپ بولالمىغان ئىشلارنى تاماملاش»نى تەشۋىق قىلسا، خىزمەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەمدۇ؟

  ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش توغرىسىدا، ئالدى بىلەن كىم ئۈچۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى ئېنىق ئويلىنىش لازىم. كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ شىركەتنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىشى ناھايىتى نورمال ئەھۋال، لېكىن بەزىلەر دائىم «مەن ئورۇنلىماقچى بولغان ئىش»نى «بىز تېخى ئورۇنلاپ بولالمىغان ئىش»قا ئالماشتۇرۇۋېتىپ، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپلا قالماي، يەنە پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىپ، شىركەت ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. خىزمەتنى پەقەت خىزمەت دەپ بىلىدىغان، شەخسىي تۇرمۇش بىلەن كەسىپنى باغلاپ قويۇشنى خالىمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى تەرغىب قىلىش شوئارىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى يوق. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شىركەتنىڭ كۈرەش قىلىشنى تەرغىپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىشنى خالايدىغان بولۇپ قېلىشى ناتايىن، پەقەت شىركەتنىڭ كەيپىياتى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەيۋىسى تۈپەيلىدىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.

  تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى «ياخشى» ياكى «ناچار» دەپ بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ، مۇھىمى شەخسنىڭ ئارزۇسىغا، ئادەم ۋە كارخانىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. مەيلى ئۆزلۈكىدىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش بولسۇن ياكى مەجبۇرىي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش بولسۇن، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنىڭ تۆۋەن چېكىنى دەپسەندە قىلىشقا بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخىمۇ تەشەببۇسكار ۋە كۈچلۈك بولۇشى، جەمئىيەتتە كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ، ۋاقىتنى ئاشۇرۇپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ياق دېيىشى لازىم. لاڭچاۋ گۇرۇھىنىڭ ئاشكارىلىشى بىلەن جامائەت پىكرى مەيدانىدا بىر پەس دولقۇن كۆتۈرۈلدى، ئارقىدا تۇرۇپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتىنى قارىغۇلارچە تەرغىپ قىلغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ