مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جىنسىيەت تەربىيەسى ھەر بىر بالىنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى بولۇشى لازىم

2021.11.17 19:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ھاياتلىق بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىق تەربىيەسىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش دەرسلىك قوللانمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قوللانما» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، جىنسىي زىيانكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئاممىۋى پىكىرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  «‹قىزلارنى قوغداش› 2020-يىللىق جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان بالىلار دېلو مىسالى ئىستاتىستىكىسى ۋە بالىلارنىڭ جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»غا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى ئاشكارىلانغان بالىلار جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراش دېلولىرىدا، تونۇشلارنىڭ دېلو سادىر قىلىشى %70 تىن ئېشىپ، ئائىلە ئەزالىرى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق دېلوسىنىڭ ئاشكارىلىنىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان؛ جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلار كۆپ قېتىم دېلو سادىر قىلىش نىسبىتى %60 كە يېقىنلىشىدۇ، تاشقى كۈچ توسقۇنلۇق قىلمىغان ئەھۋالدا، جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلار كۆپ قېتىم دېلو سادىر قىلىدۇ، ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالمايدۇ، داۋاملىق دېلو سادىر قىلىش كۆپ ھاللاردا ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە داۋاملىشىدۇ، 2019-يىلى ئاشكارىلانغان دېلو مىساللىرىدا، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 22 يىلغا يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، %61.48 ياشلار-ئۆسمۈرلەر «بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى گاڭگىراش»نى باشتىن كەچۈرگەن، لېكىن %78.24 ياشلار-ئۆسمۈرلەردە بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسى كەمچىل، كۆپ ساندىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرى «ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش»كە تايىنىدۇ.

  جىنسىي تەربىيە ھەربىر بالىنىڭ زۆرۈر دەرسلىكىگە ئايلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى سىستېمىلىق ئىگىلىگەن ۋە مۇناسىۋەتلىك ماھارەتلەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بالىلارنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، جىنسىي زىيانكەشلىكتىن ساقلىنالىشىغا ئىشىنىش كېرەك. جىنسىي دەخلى-تەرۇزدىن ساقلىنىشنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈش خۇشاللىنارلىق بولسىمۇ، لېكىن جىنسىي تەربىيەنى قانداق قانات يايدۇرۇش يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىدىيە مەسىلىسى ئېنىقكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ.

  جىنسىي تەربىيە قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇق بولغىنى قانداق تەربىيە قىلىش. ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ «زىيادە سېزىمچانلىقىنى يوقىتىشى» كېرەك، جىنسىيەتنى نومۇس دەپ بىلمەسلىكى لازىم، بۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بالىلارنىڭ مەسىلىسىگە يۈزلەنگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر بۇ تەربىيەنى ئىلگىرى سۈرگەندە، بۇ مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تولۇق ئويلىشىپ، يېتەرلىك دەلىللەش ۋە تەييارلىق قىلىش ھەمدە ئاتا-ئانىلارنى مۇناسىپ تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ