مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

ماركسىزم ۋە ئۇنىڭ جۇڭگوچىلاشقان يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرايلى

2021.11.16 21:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشردىن چىققان 22-سانىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ماركسىزم ۋە ئۇنىڭ جۇڭگوچىلاشقان يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ماركسىزم __ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئېچىپ بەردى، ئىنسانىيەتكە ئۆز ئازادلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈردى. ماركسىزم __ بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇشىمىز، دۆلەت قۇرۇشىمىزنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسى، پارتىيەمىزنىڭ روھى ۋە بايرىقى. جۇڭگو كومپارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ بايرىقىغا ئېنىق يازدى. پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىدە مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز شارائىتتا بولسۇن، ماركسىزمغا بولغان قەتئىي ئېتىقادىدىن ئەزەلدىن تەۋرەنمىدى. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزمنىڭ بولىدىغانلىقى __ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قىلالايدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى. بىز ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە چىڭ تۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىكىمىز، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدىمۇ تەۋرەنمەسلىكىمىز شەرت.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىزنىڭ تارىخى __ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخى شۇنداقلا ماركسىزم نەزەرىيەسى ئارقىلىق جۇڭگونى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىش تارىخى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ماركسىزمنىڭ تۈپ قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. نەزەرىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشتا، ماركسىزمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش __ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. بىز ماركسىزمنىڭ تۈپ قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21-ئەسىر ماركسىزمىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك!

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ھەر بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەندە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىش __ كادىرلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسىنىڭ يادروسى، نەزەرىيە جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىش __ سىياسىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىشنىڭ ئاساسى، سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىك نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىكتىن كېلىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئىگىلەش __ سىياسىي سەزگۈرلۈك دەرىجىسى، تەپەككۇر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئىدىيەۋى مەنزىلنىڭ يۈكسەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسىنى سىستېمىلىق ئىگىلەشنى ئاساسىي ماھارەت قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ