مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش تۈرلىرىنى پەرقلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2021.11.15 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11 -ئاينىڭ 15-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش تۈرلىرىنى تۈرگە ئايرىپ پەرقلەندۈرۈش قوللانمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، تەربىيەلەش مەقسىتى، تەربىيەلەش مەزمۇنى، تەربىيەلەش ئۇسۇلى، باھالاش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۆلچەملەردىن تەربىيەلەش تۈرىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئەگەر تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئۇيغۇن كەلسە، پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش دەپ ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: بىرىنچى، تەربىيەلەش مەقسىتى __ پەن بىلىملىرى ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى يېتەكچى قىلىپ، ئاساسلىقى پەن ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، تەربىيەلەش مەزمۇنى __ ئاساسلىقى ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى (ئىنگلىز تىلى، ياپون تىلى، رۇس تىلى)، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنىغا چېتىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، تەربىيەلەش ئۇسۇلى __ مۇھىمى پەن بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈش، ئاڭلاش، ئوقۇش، يېزىش، ھېسابلاش قاتارلىق پەنلەر بويىچە ئىقتىدار مەشىقى ئېلىپ بېرىش، ئالدىن تەييارلىق قىلىش، دەرس ئۆتۈش ۋە مۇستەھكەملەش مەشىقى قاتارلىقلارنى ئاساسلىق جەريان قىلىش، ئوقۇتقۇچى (مەۋھۇم شەخس، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) دەرس ئۆتۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى ئاساسىي شەكىل قىلىش كېرەك؛ تۆتىنچى، نەتىجىنى باھالاش __ بۇنىڭدا پەرقلەندۈرۈش ۋە تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى، ئىمتىھان نەتىجىسى قاتارلىقلار ئاساسلىق باھالاش ئاساسى قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ