مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

8 مىليارد 900 مىليون يۈەن! ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ دۆلەت پاراۋانلىقى كەلدى

2021.11.15 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «2021-يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىراجىتى خامچوتى «2-تۈركۈم»نى چۈشۈرگەنلىك ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىراجىتى خامچوتىدىن جەمئىي 8 مىليارد 900 مىليون يۈەن چۈشۈرۈپ، ھەربىي مەجبۇرىيەتنى تۈگىتىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقىدار مائارىپ ياردىمى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىشلەتتى.

  مائارىپقا ياردەم بېرىش ئوبيېكتى: پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار

  ئالاقىدار ھۆججەتلەردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2019-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ياكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى: تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسى ياكى دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن تۆلەش سوممىسى 8000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى ياكى ئېرىشكەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سوممىسىدىن يۇقىرىراق بولغىنى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ قايتا ئوقۇغان ياكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئوقۇش پۇلى سوممىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش ۋە ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمىدە تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 8000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئاسپىرانتلارنىڭ ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 12 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا تولۇقلىما بېرىلمەيدۇ، ۋاكالىتەن تۆلەنمەيدۇ ياكى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ. تۆۋەندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەتنىڭ يۇقىرىقى ياردەملىرىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ:

  ◆ مەكتەپتىكى مەزگىلدە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق بارلىق ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار؛

  ◆ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تەۋە ئەمەس ياكى كەنجى ئوفىتسېرلىق بويىچە قىسىمغا قوبۇل قىلىنغان باشقا ئوقۇغۇچىلار.

  ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىغا ئېرىشكەن بولسا، تولۇقلىما مەبلىغىنى ئالدى بىلەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىش كېرەك.

  قىسىمغا كىرىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار (دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇش سالاھىيىتى ياكى مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى ساقلاپ قېلىنىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتا ئوقۇغان ياكى مەكتەپكە كىرگەنلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ھەربىي سەپتىن چېكىنگىنىگە بىر يىلدىن ئاشقان، ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ياكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنغان ھەمدە مەكتەپكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ