مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشقا تىرىشىش كېرەك

خېنەن ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ۋادا ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى («14-بەش يىل»دا، بىز مۇنداق قەدەم ئالدۇق)

2021.11.15 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇاڭخې دەرياسىغا كۆز تىككەندە، سۇ كەڭ، ئاسمان ئېگىز. خېنەن ئۆلكىسى جېڭجوۋ شەھىرىنىڭ خۇايۈەنكوۋدىكى خۇاڭخې دەرياسى توسمىسىدا تۇرغاندا، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى يېقىشلىق ئېكولوگىيە كارىدورىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  2019-يىلى 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېڭجوۋدا خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.» خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «پۇرچاق ئۇيۇتمىسى بەل قىسمى»غا جايلاشقان خېنەن ئالاھىدە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى.

  بۇ يىل جېڭجوۋ، كەيفېڭ، لوياڭ خۇاڭخې دەرياسى ئېكولوگىيە كارىدورى يولىنى بويلاپ پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى 607 كىلومېتىرلىق ئېكولوگىيە كارىدورىدا قاتناش باشلاش شارائىتى ھازىرلاندى، يىل ئاخىرىدا جەنۇبىي قىرغاق ئېكولوگىيە كارىدورى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. ئېكولوگىيە كارىدورىنىڭ جېڭجوۋ بۆلىكىدە «ئۆلكە يولى 312-لىنىيەسى ۋە ماڭلىڭ چوققىسى، خۇاڭخې دەرياسى توسمىسى»دىن ئىبارەت قوش لىنىيە ئارقىلىق خۇاڭخې دەرياسى ساھىلى باغچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەنزىرە نۇقتىلىرى تۇتاشتۇرۇلدى.

  خېنەن ئېكولوگىيەنى قوغداش، تۈزەشنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە خۇاڭخې دەرياسى بويى بىرىكمە ئېكولوگىيە كارىدورىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق كۈچلۈك ئۆلكىسى قۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى مەدەنىيىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تىرىشىپ ئالدىدا ماڭدى.

  «ئوتتۇرا ئېقىندا «تاغلارنى تۈزەپ»، تۆۋەن ئېقىندا «ساھىللارنى تۈزەپ»، ئېكولوگىيەنى قوغداش، تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك

  سەنمېنشيا، شياۋچىنلىڭ چوققىسىنىڭ ئىچكىرىسى «10 مىڭ مولۇق كاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش»تىكى مۇھىم رايون.

  سەنمېنشيا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ نەنچاڭ: «بۇ يىل ئۈستى ئوچۇق كان، ئىگىسىز كانلارنى نۇقتىلىق تۈزەپ، تارىخىي قەرزنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىش كېرەك» دېدى.

  يول بويىدا، بەش يىل ئىلگىرى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ «ئالتۇن چايقاش» جەريانىدا قالدۇرغان تاغدىكى جاراھەتلىرى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ چاغدا، شياۋچىنلىڭ چوققىسىدىن باشلانغان خۇاڭخې دەرياسىنىڭ 1-دەرىجىلىك بەش تارماق ئېقىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇپ، سۇ رەڭگى «رەڭگارەڭ» ئىدى.

  ئورەك ئېغىزى ئېتىلدى، ئەسلىھەلەر چۇۋۇلدى، كان داشقاللىرى توشۇلدى، كۆچەتلەر تىكىلىپ، ئوت-چۆپ تېرىلدى... 1000 دىن ئارتۇق ئورەك ئېغىزى، 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مالىيە كىرىمى ئالدىدا، سەنمېنشيا شەھىرى قەتئىي كەسكىنلىك بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش جېڭىنى باشلىدى.

  لاۋياچا ئالتۇن كانىنىڭ «1770-ئازگال ئېغىزى» ئەينى يىللاردىكى ئوتتەك قىزىق ئالتۇن چايقاش نۇقتىسى بولۇپ، ئازگال ئېغىزىنىڭ ئاستىغا 300 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، 40 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى كان داشقىلى دۆۋىلەنگەن. ھازىر داشقال يانتۇلۇقى تۆۋەنلەپ، قەۋەت-قەۋەت يانتۇلۇق يۈزى يېشىللىققا پۈركەندى. تاغدا بۇلاق، دەريا سۈيى سۈپسۈزۈك ئاقىدۇ، ئىپار كىيىك، تىيىن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار تاغ ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.

  خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مەسىلىسى قارىماققا خۇاڭخې دەرياسىدا بولسىمۇ، يىلتىزى ۋادىدا. 2021-يىلى، سەنمېنشيادا «ئون، يۈز، مىڭ، تۈمەن، يۈز مىليون»لۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، بۇ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ 1-دەرىجىلىك 18 تارماق ئېقىنىنى تۈزەش، 100 چاقىرىملىق خۇاڭخې دەرياسى سۇلۇق يېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، 1000 چاقىرىملىق شەھەر يېشىل كارىدورى قۇرۇلۇشى، 10 مىڭ مولۇق كان ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، 100 مىليون توننا لاتقا-قۇمنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شياۋچىنلىڭدىكى «1100 ئورەك ئېغىزى» ئۆسۈملۈك مەدەنىيىتى باغچىسى قىلىپ ياسىلىدۇ، «1280 ئورەك ئېغىزى» سۇ مەدەنىيىتىنى چۆرىدەپ كۈچ چىقىرىدۇ، «986 ئورەك ئېغىزى»دا ئالتۇن مەدەنىيىتى تەتقىقات-ئۆگىنىش تۈرى يولغا قويۇلىدۇ. خېنەن ئۆلكىسى پۈتۈن ئۆلكىدە خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى قالدۇق قېزىلمىلارنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، شەھەر-يېزىلارنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلىدى.

  چوڭ قوغداش ئورتاق چىڭ تۇتۇلۇپ، چوڭ تۈزەش ماس ئىلگىرى سۈرۈلدى. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا «تاغنى تىزگىنلەش»، تۆۋەن ئېقىنىدا «ساھىلنى تىزگىنلەش»، سۇ رايونىدىن «تور توقۇش» تەپەككۇرى بويىچە خېنەن چوڭ دەريا، چوڭ تاغ، چوڭ تۈزلەڭلىكنى قوغداش، تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ۋادى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

  لەنكاۋ ناھىيەسىنىڭ دۇڭباتوۋ بازىرىدا دەريا كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، تارىختا قايتا-قايتا يار ئېلىپ كېتىپ، نۇرغۇن شورلۇق يەر قالغان. 2019-يىلىدىن باشلاپ، لەنكاۋ ساھىل رايونىدا 70 مىڭ مودىن ئارتۇق سۆسۈن چېچەكلىك بېدە تېرىلدى. شۇ جايدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ؛ «سۆسۈن چېچەكلىك بېدە يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ھەر مو بېدىنى ئۈچ توننا ئەتراپىدا سىلوسلىسا، ھەر موسىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 3600 يۈەنگە يېتىدۇ» دېدى.

  ئىلگىرىكى قۇم-بورانلىق ساھىل ھازىر يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، سۆسۈن چېچەكلىك بېدە نەچچە ئون چاقىرىم سوزۇلغانىدى.

  يېڭىلىق يارىتىش، تۈجۈپىلەش، ئېچىۋېتىش — يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى

  خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى رايونلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەر نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا قانداق قاراش كېرەك؟ خېنەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ، تولۇق تەييارلىققا ئىگە — جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ جۇغلانمىسى چوڭقۇر، بۇنىڭ ئاچقۇچى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى قانداق جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا تۈپتىن ئۆزگەرتىشتە.

  يېڭىلىق يارىتىش — كەسىپلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  جېڭجوۋ شەھىرى لوڭزىخۇ ئىچكى ئايلانما يولىدا، «شياۋيۈ» ئىسىملىك ئادەمسىز ئاممىۋى ئاپتوبۇس بار بولۇپ، قوزغالغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك توسالغۇدىن ساقلىنىپ، ئاپتوموبىل بىلەن ئۇچراشقاندا، تورمۇزلاپ توختىيالايدۇ.

  ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى 2020-يىلى 9-ئايدا جېڭجوۋغا ماكانلاشقان بولۇپ، ھازىر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى — شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى بۇلۇت ھېسابلاش يۇمشاق دېتال مەركىزى قاتارلىق 155 باشلامچى تۈر بۇ يەرگە ماكانلاشتى، ئومۇمىي سېلىنما 165 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. كەلگۈسىدە، بۇ يەرنى باشلامچى قىلىپ، جېڭجوۋ، كەيفېڭ ئىلىم-پەن يولىنى بويلاپ يۈز چاقىرىملىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كارىدورى قۇرۇلىدۇ. تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، جېڭجوۋ-لوياڭ يېڭى دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  2021-يىلى، خېنەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئون كەسىپنىڭ زامانىۋىلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش لايىھەسىنى يولغا قويدى. يەرلىك ماركىنى يېتەكچى قىلغان سۇمۇرغ ھېسابلاش كەسپى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، زىگۇاڭ ئەقىل-پاراسەت ھېسابلاش تېرمىنالىنىڭ يەر شارى باش ئىشتابى بازىسى قاتارلىق چوڭ-چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى.

  تۈجۈپىلىك — ياسىمىچىلىق يېشىل تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى.

  لوياڭ شەھىرىنىڭ يىچۈەن ناھىيەسىدىكى دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان باغچە شەكلىدىكى زاۋۇت — جۇڭگو پولات-تۆمۈر گۇرۇھى لونەي كەسىپلەر باغچىسى ئىچىدە ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئۈن-تىنسىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندى. جۇڭگو پولات-تۆمۈر گۇرۇھى لونەي پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى «شەھەردىن چېكىنىپ باغچە رايونىغا كىردى»، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، سۇ سەرپىياتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، كۆپ تۈرلۈك تېخنىكا نەتىجىلىرى دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

  سانائەت شەھەردىن چېكىنىپ، يېشىللىق ئەسلىگە كەلدى. ئېغىر سانائەت شەھىرى لوياڭ يۇقىرى بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان 70 كارخانىنى كۆچۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 23 يېشىل زاۋۇت (باغچە رايونى) قۇردى. 2025-يىلى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، كۆلىمى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىغان مەملىكەت بويىچە ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

  ئېچىۋېتىش ئىچكى قۇرۇقلۇقنى قاناتلاندۇردى.

  5-ئايدا، 5-نۆۋەتلىك دۇنيا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا يىغىنى جېڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلۈپ، خېنەندە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىمپورت دورىلىرىنى پارچە سېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې شيۇڭ مۇنداق دېدى: خېنەننىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا يەنە بىر مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى يارىتىلدى، بۇنىڭ ئارقىسىدا ئىچكى قۇرۇقلۇق ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنىڭ ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولدى. كەلگۈسى بەش يىلدا، جېڭجوۋ ئاۋىياتسىيە پورتى ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى گەۋدىلىك ئۈنۈم ئەۋزەللىكىگە ئىگە خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسىغا ئايلىنىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشتا مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭىدۇ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (جېڭجوۋ)، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆلىمى ۋە سۈپىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

  خۇاڭخې مەدەنىيىتىنى قوغداپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «خۇاڭخې ھېكايىسى»نى ياخشى سۆزلەش كېرەك

  كەيفېڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گاۋ جيەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىي يەر بەلگىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، خۇاڭخې مەدەنىيىتىنى قوغدايدىغان، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان مۇھىم سۇپا بەرپا قىلىش كېرەك. كەيفېڭ سۇڭدۇ قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش ۋە رېمونت قىلىشنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، خۇاڭخې دەرياسى شۈەنخې مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيى، خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى، دۇڭباتوۋ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش ھېكايىسىنى بايان قىلغان جاي قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور مەدەنىيەت، ساياھەت تۈرلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى «ئاكتىپلاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

  شەھەرنىڭ 1000 يىللىق ئوتتۇرا ئوق سىزىقىنى بويلاپ، سۇڭدۇ قەدىمىي شەھىرىنى قوغدايدىغان نۇقتىلىق تۈر __ بيەنخې ئايمىقى كۆۋرۈكى خارابىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قېزىش نەق مەيدانىدا، چوڭقۇر ئازگالدىن يۇقىرىغا قاراپ، تەرتىپ بويىچە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بيەنجۇ شەھىرى، بەش دەۋر ۋە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرى، جىن، يۈەن سۇلالىلىرى ۋە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دەريا يوللىرى نامايەن قىلىنغان. جانلىق ئارخېئولوگىيەلىك كەسمە يۈزى كىشىلەرگە «شەھەر دۆۋىسى»نى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ. 14.4 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى سېپىللار تۇتاشتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا، سۇڭدۇ چوڭ قانىلى كۆرگەزمە بەلبېغى، كوچىلارنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان سۇڭدۇ قەدىمىي شەھىرى تەدرىجىي نامايان بولۇشقا باشلىدى.

  خېنەن خۇاڭخې دەرياسى مەدەنىيەت مىراسلىرى سىستېمىسىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقاردى. تەيجى گۇمپىسىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تونۇتتى؛ شۇاڭخۇەيشۇ خارابىسى بايقىلىپ، خېنەندىن 26 تۈر «100 يىلدىن بۇيانقى 100 چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش» قاتارىغا كىرىپ، سان جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، خېنەن خۇاڭخې دەرياسى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى، خۇاڭخې دەرياسى مەدەنىيەت بەلگىسى قۇرۇلۇشى، قەدىمىي پايتەخت قەدىمىي شەھىرىنىڭ قىياپىتىنى قايتا نامايان قىلىش قۇرۇلۇشى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى خاتىرىلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە خەلقئارا ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىدۇ.

  خۇاڭخې مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، «خۇاڭخې ھېكايىسى»نى ياخشى سۆزلەش كېرەك.

  لوياڭدىكى ئېرلىتۇ شيادۇ خارابىلىكى مۇزىيىدا ساياھەتچىلەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ «گېپى»نى ئاڭلىيالايدۇ. مۇزېيدا ھەم ئەمەلىي بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىنغان، ھەم ماي بوياق رەسىم، قۇم تەخسە، مودېل، ئويۇن قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن ئويناپ، ئەڭ دەسلەپكى شەھەر غول يولى تورى، ئەڭ بۇرۇنقى ئوردا شەھىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئېرلىتۇ خارابىلىكى ئىچىدىكى نۇرغۇن «جۇڭگودىكى ئەڭ»لەرنى چۈشىنەلەيدۇ...

  ئىگىلىنىشىچە، خېنەن ئۆلكىسى جەمئىي 247 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان خۇاڭخې دەرياسى مەدەنىيەت، ساياھەت چوڭ قۇرۇلۇش تۈرىدىن 45نى يولغا قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر خىل ۋاسىتە، ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، خۇاڭخې مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ