مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: «ساختا دەۋا قىلىش» «ھەقىقىي ئاۋارىچىلىق» ئېلىپ كېلىدۇ

2021.11.12 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «ساختا دەۋا قىلىشنى تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلق سوت مەھكىمىلىرى ساختا دەۋانى تۈزەشتىكى 10 تىپىك دېلو مىسالى ئېلان قىلىندى.

  ساختا دەۋا ئادەتتە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان پاكىت ئارقىلىق ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپىگە دەخلى قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى 12 مىڭ 300 ساختا دەۋا دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىجراغا ئائىت باشقىچە پىكىر دەۋاسى، ئەلئارا ئېلىم-بېرىم قاتارلىق ساھەلەر ساختا دەۋا ئاسان يۈز بېرىدىغان ساھە ھېسابلىنىدۇ. 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، سوت مەھكىمىسى سىستېمىسى ئىجراغا ئائىت باشقىچە پىكىر دەۋاسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ساختا دەۋانىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %61.11 كە يەتكەن. 2020-يىلى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ھەق تەلەپ ساختا دەۋا دېلولىرى ئىچىدە ساختا ئەلئارا ئېلىم-بېرىم ماجىراسى دېلوسى 1772 گە يېتىپ، دېلو ئومۇمىي سانىنىڭ %53.09 ىنى ئىگىلىگەن.

  كىشىنى چۆچۈتىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كەينىدە ساختا دەۋانىڭ ئىنتايىن زور خەۋپى بار. نۇرغۇن ساختا دەۋا جىنايى قىلمىشى 2-سوت ياكى يېڭىباشتىن سوت قىلىش سوتىدا ئاندىن بايقىلىدۇ، بۇ بىر قاتار قانۇن يۈرگۈزۈش جەريانىدا قىممەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈش بايلىقى ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپ بولۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ نوپۇزى ۋە ئىناۋىتىگە زىيان يېتىدۇ، يەنە كېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى ياكى جىسمانىي ھوقۇقى ئورۇنسىز زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ساختا دەۋا ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بۇزىدۇ، ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ نوپۇزىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئىجتىمائىي تەسىرى ئىنتايىن يامان بولىدۇ.

  بۇ قېتىم ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان «پىكىر»دە، ساختا دەۋاغا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى جازالاشتا ئومۇمىي جەھەتتىن قاتتىق بولۇش، نۇقتىلىق زەربە بېرىش، جىنايى ئىشلار بىلەن ھەق تەلەپنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ساختا دەۋا قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلدى.

  دەۋا ئويۇن ئەمەس. ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تەرتىپكە سېلىشى پەقەتلا دەۋا تەرتىپى ھالقىسىدىكى «ئېقىم توسۇش»، «يوچۇقنى توسۇش» ۋە «پەسەيتىش»تىنلا ئىبارەت. مۇھىمى بەزى دەۋالاشقۇچىلار تەلەي سىناشقا ياكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ يالغان دەۋا قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن «يالغان دەۋا» «ھەقىقىي ئاۋارىچىلىق» ئېلىپ كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ