مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: قانۇن ئىدارە قىلىش بىلىملىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى مەزمۇنىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك

2021.11.12 13:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا پىلان تارقىتىپ، مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى:① ئاساسىي قانۇن تۈرىدىكى دەرسلىكلەرنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش؛② يەرلىك دەرسلەر ۋە مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە ئايرىم ھالدا قانۇن ئىدارە قىلىش دەرسى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش بىلىملىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى مەزمۇن نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش؛③بىخەتەرلىك، زەھەر چەكلەش، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇتقۇزۇش، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك بولۇشى، تور ئالدامچىلىقى، جىسمانىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋە ئادەم ئالداپ سېتىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بۇ مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرۈپ كۈندىلىك تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ