مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇختا ئادەم بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئىش قىلىش لازىم

2021.11.11 20:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مەلۇم شەھەر كادىرلار ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاز ساندىكى ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنىڭ يەڭگىللىك، ئالدىراقسانلىق قىلىش، ئەس-ھوشىنى يىغالماسلىق، خىزمەتتە شەكىلۋازلىق قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك قاتارلىق ناچار ئەھۋاللارغا قارىتا، بىر پېشقەدەم يولداش: «ئەينى يىلى بىز جەنۇب-شىمالنى ئايلىنىپ ئۇرۇش قىلىپ، قانلىق جەڭ قىلدۇق، كىم ئۆزىنىڭ نام-مەنپەئەت، جاپا-مۇشەققەت ۋە خۇشاللىق، ھايات-ماماتلىق، شەرەپ-نومۇسنى ئويلاپ باققان»، «پۇختا ئادەم بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك» دېدى. بۇ سۆز چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ

  ئەستايىدىل ئادەم بولۇش، قېتىرقىنىپ ئىش قىلىش، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، كەمتەر، كەڭ قورساق بولۇش كېرەك. بۇ بىر خىل خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر ئادەمنىڭ مەنىۋى مەنزىلىنى نامايان قىلىدۇ. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يولداش ليۇ بوچېڭ كۆپ قېتىملىق چوڭ-چوڭ ئۇرۇشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوماندانلىق قىلغان، ئازاد رايونلاردىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى «يېڭىلمەس گېنېرال» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ كەلگەندە، ئۇ سىلىقلىق بىلەن رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا «لايىق كەلمەيدىغانلىقى»نى ئارقا-ئارقىدىن بىلدۈرگەن. بۇ «لايىق كەلمەسلىك» نەتىجە، شان-شەرەپ ئالدىدا سوغۇققان، سەگەك بولۇشنى نامايان قىلىدۇ، شۇنداقلا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاڭ جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. رېئاللىقتا، بەزى كىشىلەر ئازراق تۆھپە قوشۇپ، ئازراق نەتىجىگە ئېرىشسە، ئاسانلا مەغرۇرلۇق، قانائەتچانلىق كەيپىياتى پەيدا بولۇپ، تۆھپىسىنى باھالاشقا، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە بېرىلىپ كېتىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئادەم خۇدىنى يوقىتىپ قويىدۇ-دە، تەبىئىي ھالدا كۆڭلىنى توختىتىپ ئىش قىلالمايدۇ. كۆڭلىدە ئەيمىنىش، كەمتەر ۋە كەڭ قورساق بولغاندىلا، ئاندىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.

  پۇختا ئادەم بولۇش، قېتىرقىنىپ ئىش قىلىش، ئەستايىدىل بولۇش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بولۇش لازىم. يولداش ماۋ زېدۇڭ: «ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەش، پائال تىرىشىش، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش روھىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ»، دېگەنىدى. رەھبىرىي كادىر بولغانلار ئىستىلنى پۇختىلاپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئەگەر ئەمەلدار بولۇشنىلا ئويلاپ، ئىش قىلىشنى خالىمىسا، قالتىس بولۇشنىلا ئويلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىسا، يۈزەكى ئىش قىلىپ، ئاشكارا نەتىجىنى كۆزلەپ، كۆرۈنمەس نەتىجىگە ئەھمىيەت بەرمىسە، ئوراش-قاچىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمىسە، نەتىجە يارىتالمايدۇ، ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەينى يىلى گۇ ۋېنچاڭ دۇڭشەن خەلقىنى باشلاپ ئون نەچچە يىل جاپالىق جەڭ قىلىپ، دەرەخ تىكىپ، قاقاس ئارالنى گۆھەر ئارالغا ئايلاندۇرۇپ، ئاممىنى بارا-بارا جاپالىق كۈنلەردىن قۇتۇلدۇرغان. گۇ ۋېنچاڭ كۆچەت تىكسە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈمىنى كۆرەلمەيتتى، لېكىن ئۇ كۆڭلىنى توختىتىپ، ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلەپ، خەلققە، كەلگۈسىگە ھەقىقىي پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنى خالايتتى. گۇ ۋېنچاڭغا ئوخشاش بولۇپ، يەڭگىلتەكلىك ۋە ئالدىراقسانلىقتىن يىراق تۇرۇپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلمەي، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلغاندىلا، ئاندىن بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ