مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان روشەن بايراق

ئۆز گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

2021.11.10 10:05 مەنبە: خەلق تورى

  تارىخنىڭ چاقى توختاۋسىز ئىلگىرىلەيدۇ، دۇنيانىڭ ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلەيدۇ. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرگەندىلا، ئاندىن تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان دەۋردە تۇرماقتىمىز، دۇنيادا كۈندىن-كۈنگە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە. بىر تەرەپتىن، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا ھازىرقى دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى سىجىل يۈكسىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە خەلقئارا تەرتىپ تېز تەڭشىلىپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر شامالغا دۇچ كەلدى، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈردى، ئادىللىق ۋە ئۈنۈم، ئېشىش ۋە تەقسىمات، تېخنىكا ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق زىددىيەتلەر تېخىمۇ گەۋدىلەندى، باي ـ نامراتلىق پەرقى يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. «دۇنيا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىمىز؟» بۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۆت كوچا ئېغىزى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق تاللاش.

  ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان ئىدىيە بولغاندىلا، بۇلۇت يېرىپ، تۇمان بۆسۈپ پەرۋاز قىلىدىغان شۇڭغۇش كۈچى بولىدۇ؛ كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرۈپ پەرقلەندۈرەلەيدىغان يىراقنى كۆرەرلىك بولغاندىلا ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان چاقىرىق كۈچى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخ ۋە دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئەتى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى چىقىش قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، »جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ نىشانى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل ـ ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش»نى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «قانداق دۇنيا قۇرۇش، بۇ دۇنيانى قانداق قۇرۇش» تىن ئىبارەت دەۋر سوئالىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، قانداق قىلىپ ئۇزاققىچە دۇنيانىڭ تىنچلىقنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك تارىخىي قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. «بىزنىڭ ئىشلىرىمىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان ئىش. خەلقئارا جەمئىيەت كۈنسېرى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى»، بۇ 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە چىقارغان مۇھىم ھۆكۈمى؛ «ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە ئورنىتىش، ئۆز ئارا تايىنىش دەرىجىسى مىسلىسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەر شارى كەنتىدە ياشايدۇ، تارىخ بىلەن رېئاللىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئوخشاش بىر ماكاندا ياشايدۇ، بارغانسېرى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە ئايلىنىدۇ، بۇ 2013 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە شەرھلىگەن مۇھىم ھۆكۈم. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار باشلىقلار يىغىنىدا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بايان قىلغانغىچە؛ رەھبەرلەر كىلىمات باشلىقلار يىغىنىدا، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش تەكلىپىنى بېرىشتىن دۇنيا ساغلاملىق باشلىقلار يىغىنىدا ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشقىچە؛»جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى«نىڭ 15-قېتىملىق پۈتۈشكۈچى تەرەپلەر يىغىنىنىڭ رەھبەرلەر باشلىقلار يىغىنىدا، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلشتىن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ب د ت دۇنيا ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش يىغىنىدا يەر شارىۋى تەرەققىيات تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىزاھلاشقىچە... ئەتراپلىق تونۇش، ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان بايانلار، تەنتەنىلىك جاكارلاردا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، مۇھىم ئەھمىيىتى، مول مەزمۇنى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش يولى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى، سىجىل گۈللىنىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيونلار ۋە ئىستراتېگىيەچىلەرنىڭ كەڭ نەزەر دائىرىسى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلىپ، چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيلىرىنىڭ دۇنياغا بولغان ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى نامايەن قىلدى.

  ئۇلۇغ ئىدىيە ئۇلۇغ ئىشلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلسە، مىسلىسىز جۇشقۇن كۈچ نامايان بولىدۇ ھەم بۇ دەۋرنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش» نى تەشەببۇس قىلىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى قەتئىي راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك دۇنيانى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ب د ت نى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش؛ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى» مۇھىم، زور تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، 141 دۆلەت ۋە 32 خەلقئارا تەشكىلات «بىر بەلباغ، بىر يول» چوڭ ئائىلىسىگە قاتناشتى، « بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى تەشەببۇستىن رېئاللىققا ئايلاندى، «يىرىك سىزمىدىن» «نەپس رەسىم» گە ئايلاندى. «ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل لاشتۇرۇش» نى تەكىتلەپ، ئىمپورت يەرمەنكىسى، مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى، گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى، ئىستېمال يەرمەنكىسى قاتارلىق ئىقتىساد سودا كاتتا يىغىنلىرى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى، بېيجىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق مۇھىم ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى قالتىسمۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلماقتا.

  «ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، يۇقۇملۇق كېسەللىك ئىرق ئايرىمايد، بۇ پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، خەلقئارا جەمئىيەت بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ» دەپ شەرھلىنىپ، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەجرىبىلەردىن تولۇق، تەڭ بەھرىمان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ماددىي ئەشيا ۋە تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل–پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشتى؛ «ئەۋلادلارنى ھەم مول ماددىي بايلىقتىن بەھرىلىنىش، ھەم يىراقتىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سېلىش، يېشىل تاغلارنى كۆرۈش، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى پۇراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك شەرتنامە مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، يەر شارىۋى مۇھىت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2030–يىلىدىن بۇرۇن كاربون چوققا قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، 2060–يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشتى؛ «مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىش، مەدەنىيلىكتىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكىدىن ھالقىش» تەشەببۇس قىلىنىپ، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەر يۇقىرى قاتلام سۆھبىتى يىغىنى قاتارلىق مۇھىم، كۆپ تەرەپلىك يىغىنلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى سۇپا بەرپا قىلىندى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى پىلانلىشى، ئۆزى ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇھىم، زور تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئېنىقسىزلىققا تولغان خەلقئارا ۋەزىيەتنى غايەت زور مۇقىملىق بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشىگە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز جۇڭگو ئەقىل–پاراسىتى قوشۇپ، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك باھاسى ۋە قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھۆججەتلىرىدە كۆپ قېتىم نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، كەڭ ھەم چوڭقۇر خەلقئارا تەسىر پەيدا قىلدى، جۇڭگونىڭ دەۋر ئېقىمىغا ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان روشەن بايرىقىغا ئايلاندى.

  ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئالىيجاناب ئىش، شۇنداقلا خىرىسقا تولغان ئىش. بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشى مىسلىسىز زىچ بولۇپ، دۇچ كەلگەن دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ كۆپلۈكى، كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىمۇ مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى، ئىشەنچ قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، تىنچلىق قىزىل رەقىمى ئازايماستىن كۆپىيىپ، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش يۈزلىنىشى تۈپتىن ئۆزگەرمىدى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى يېڭى ئېلاستىكىلىقنى نامايان قىلدى، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ساداسى تېخىمۇ كۈچەيدى. مەيلى نۆۋەتتىكى كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش بولسۇن ياكى گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش بولسۇن، ئىنسانلار جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشقا موھتاج. دۇنياغا قۇچاق ئاچقاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىنى قۇچاقلىغىلى بولىدۇ؛ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىك، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش يولىدا ماڭغاندىلا، ئاندىن قول تۇتۇشۇپ تۈرلۈك يەر شارىۋى مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.» شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئاممىۋى مەھسۇلاتنىڭ تەمىنلىگۈچىسى بولساقلا، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ قۇياش نۇرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى يورۇتۇپ، تارىخ چاقىنىڭ پارلاق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ