مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا ئەنئەنىۋى يوللارغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇش كېرەك

2021.11.09 21:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېھقانلارنى بېيىتىش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى يولغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇش ھەم يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىرىمنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش، تېخىمۇ مۇھىمى يېزىلارنىڭ تاشقى كىرىمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋاسىتىدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. كەسىپ جەھەتتە، يېزا ئىگىلىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، يەنە مەۋقەنى پۈتكۈل يېزا بايلىقىغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ 2-، 3-كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ قاتناشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى دېھقانلارغا قالدۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، ھەم ناھىيە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا جەلپ قىلىش كېرەك؛ ھەم دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىرتقا چىقىپ مۇقىم ئىشلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخنىكا تىپىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ئۆزگىرىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  بولۇپمۇ، يېزا يېرىنى ئېلىش-تۆلەم بېرىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، يەر ئوبوروتى ۋە يېزا ئۆيلىرىنى ئىجارىگە بېرىشنىڭ كۆپىيىشى، پاي قوشۇش-پايدا تەقسىملەشكە قاتنىشىشنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دېھقانلارنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، نۇرغۇن رايونلاردىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ مۇھىم ئېشىش مەنبەسىگە ئايلاندى. جايلار يېزىلاردىكى «ئۈچ پارچە يەر» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا يېرىنى ئېلىش، ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى، تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا مۈلۈك ھوقۇقى بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  «14-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ، سىياسەتنى تەڭشەش تېخىمۇ قىيىن. شۇڭا، يېزا ئىگىلىكىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قوللاش، دېھقانلارغا ھەقىقىي كۆيۈنۈش، دېھقانلارغا چىن كۆڭۈلدىن ياردەم بېرىش، دېھقانلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، دېھقانلارنىڭ ياخشى كۈنلىرى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ