خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق ھەربىي تەرەپ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىراق زۇڭلىسى كادىمىنىڭ باغداد «يېشىل رايون»ىغا جايلاشقان تۇرالغۇسى شۇ كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، كادىمى ھۇجۇمدىن ئامان قېلىپ يارىلانمىدى.
ئىراق بىرلەشمە ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى سەھەر سائەت 4 لەردە، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كادىمىنىڭ «يېشىل رايون»غا جايلاشقان تۇرالغۇسىغا بومبا تاشلىدى، لېكىن كادىمى ھۇجۇمدىن ساق قالدى. ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە تاقابىل تۇردى.
ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىپ يۈرگەن نەق مەيدان سۈرەتلىرىدىن قارىغاندا، پارتلاشتا كادىمىنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى يېنىك دەرىجىدە بۇزۇلغان، لېكىن قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان.
ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كادىمى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا مۇنداق دېدى: «مەن ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن... مەن بارلىق كىشىلەرنىڭ سوغۇققان بولۇشىنى ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى مۇراجەت قىلىمەن، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ.»
ئىراقتا 10-ئاينىڭ 10-كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق پارلامېنتى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. دەسلەپكى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي داھىيسى سادىر رەھبەرلىكىدىكى «سادىر ھەرىكىتى» 73 ئورۇنغا ئېرىشىپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان «فاتاخ ئىتتىپاقى»نىڭ ئورنى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. خەلق پارلامېنتى سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە نارازى بولغان سىياسىي پارتىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى يېقىندا «يېشىل رايون» سىرتىغا يىغىلىپ نامايىش قىلىپ، «يېشىل رايون»غا ھۇجۇم قىلىپ، بىخەتەرلىك قىسىمىدىكىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ، تالاپەت پەيدا قىلدى.
«يېشىل رايون» باغداد شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىراق ھۆكۈمەت ئورگىنى ھەمدە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تۇرۇشلۇق جاي. «يېشىل رايون»دىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پات-پات يۈز بېرىۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى