مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوردوس 600 مىڭ يۈەنلىك يىللىق مائاش بىلەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىشقا ئىنكاس قايتۇردى:

«بۇ، كادىرلار ئىسلاھاتى تەدبىرى بولۇپ، قاپلاش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ»

2021.11.08 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان «ئوردۇس شەھىرىنىڭ يىلىغا 600 مىڭ يۈەنلىك مائاش بىلەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىش» ئىشىغا قارىتا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئوردۇس شەھىرى ئىكىنخولو خوشۇنى مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇنجى قېتىم ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ، بىر تۈرلۈك كادىرلار ئىشلىرى ئىسلاھاتى تەدبىرى بولۇپ، قاپلاش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ.»

  ئېكىنخولو خوشۇنلۇق مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خې جەنپىڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش ئېكىنخولو خوشۇنىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، رايون رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. 2020-يىلى، پۈتۈن خوشۇننىڭ مائارىپ سېلىنمىسى 1 مىليارد 172 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان مالىيە كۈچىنىڭ %11.16 ىنى ئىگىلەيدۇ، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان ئاممىۋى مالىيە خامچوتى مائارىپ ئىشلىرى خىراجىتى، ئاممىۋى خىراجىتى قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئوردوس شەھىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

  خې جەنپىڭ مۇنداق دېدى: «600 مىڭ يۈەنلىك يىللىق مائاش بىلەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش بىزنىڭ خوشۇننىڭ مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىدىكى بىر تۈرلۈك كادىرلار ئىسلاھاتى تەدبىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىڭخۇا داشۆسى، بېيجىڭ داشۆسىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغىلا قارىتىلغان ئەمەس، قاپلاش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ.»

  خې جەنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا، ئوردوس ئىكىنخولو خوشۇنى 120 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي ياكى 350 مىڭ يۈەن ماكانلىشىش خىراجىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ماگىستىر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئاسپىرانتلارغا 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي ياكى 300 مىڭ يۈەن ماكانلىشىش خىراجىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالتە پېداگوگىكا مەكتىپى، قوش ئالدىنقى قاتاردىكى قۇرۇلۇش ئالىي مەكتەپلىرى ۋە قۇرۇلۇش پەنلىرىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى 80 كىۋادرات مېتىر ئۆي ياكى 250 مىڭ يۈەن ماكانلىشىش خىراجىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.»

  ئورگان تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر بۇ خوشۇن 1318 نەپەر داڭلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى تەكلىپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 211 كىشى يۇقىرىقى ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولغان.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، نۆۋەتتە بۇ خوشۇندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماگىستىردىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2015-يىلىدىكى %3.9 تىن %11.5 كە يەتكەن، بېيجىڭ داشۆسى، جىلىن داشۆسى، ئېدىنبۇرگ داشۆسى قاتارلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بەس-بەستە شۇ جايغا كېلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار ئاساسى بىلەن تەمىنلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ