مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى ھەر نۆۋەتلىك 6-ئومۇمىي يىغىندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىندى؟

2021.11.08 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  ● 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى

  1981-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ج ك پ 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللىنىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 32 يىلدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ زور تارىخىي ۋەقەلىرى، بولۇپمۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» توغرىسىدا توغرا يەكۈن چىقىرىلدى، ماۋ زېدۇڭنىڭ تارىخىي ئورنىغا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا باھا بېرىلدى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ئىكەنلىكىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى ئىلمىي بايان قىلىندى. «قارار»نىڭ ماقۇللىنىشى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاش ۋەزىپىسىنىڭ تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  ● 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى

  1986-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ج ك پ 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللىنىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، تۈپ ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي يېتەكچى فاڭجېنى شەرھلەندى.

  ● 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى

  1990-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، ج ك پ 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللاندى.

  ● 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى

  1996-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، ج ك پ 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللاندى. سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان جەمئىيەت، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرى ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماس تەرەققىي قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

  ● 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى

  2001-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ج ك پ 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللىنىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش، سەككىزگە قارشى تۇرۇش» تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ● 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى

  2006-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، ج ك پ 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىجتىمائىي ئىناقلىق — جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، ئۇ دېموكراتىك قانۇنچىللىق، ئادىل-ھەققانىي بولۇش، سەمىمىي-دوستانە بولۇش، ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇش، تىنچ-تەرتىپلىك بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ.

  ● 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى

  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور راۋاجلىنىشى ۋە زور گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ● 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى

  2016-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى» ماقۇللاندى. ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداشقا چاقىرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ