مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى «مىتەقۇرتلار»غا قىلچە يول قويماسلىق كېرەك!

2021.11.05 10:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاينىڭ 5- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «قولۇڭنى سۇنما، سۇنساڭلا تۇتۇلىسەن». خەۋەر قىلىنىشىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى جىنجياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن بويىچە دۆلەت خىزمەتچىسى ئەمەسلەرنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى زۇ Xشياڭنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان. زۇ Xشياڭ ئەنتا گۇرۇھى ئاياغ سېتىۋېلىش فېيلې چوڭلار تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى.ئەسلىدەخاتىرجەم ئىش قىلىپ، ئەستايىدىل ئادەم بولسا توغرا بولاتتى، لېكىن خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئۇدا كۆپ قېتىم تەمىنلىگۈچى سودىگەردىن پارا سورىغان، زۇ Xشياڭ ھەم «ئائىلە قائىدىسى» گە، ھەم دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، شۇڭا ئۇنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىشى ئۆزىگە ئۆزى قىلغانلىقتىن بولغان. ئەگەر زۇ Xشياڭنىڭ چېتىشلىق ئەھۋاللىرىنىڭ راستلىقى ئېنىقلانسا، قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

  بۇنداق مىساللار كۆپ. يېقىندا، مەلۇم ئالاقە تورى شىركىتى كىنو-تېلېۋىزىيە تۈرىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى جاڭ xx شىركەتنىڭ «يۇقىرى بېسىم» ھالىتىگە ھەمدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چىرىكلىك قىلمىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بولۇپمۇ بەزى داڭلىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى يۇقىرى، خاراكتېرى قەبىھ، تەسىرى تېخىمۇ يامان.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پەقەت چىرىكلىككە چېتىلىدىغانلا بولسا، قانداق خاراكتېردىكى كارخانا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى كېرەك. لېكىن كەسپىي زاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بەزى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خىيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىشىش دېلولىرىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ، ئالاقىدار ئورگانلار ئىچكى ماجرانى باھانە قىلىپ جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو تۇرغۇزمىغان، دېلو تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىنمۇ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئوخشاش قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلغانغا ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىز قالغان. بۇ خىل ھادىسە بەلكىم بەزى جايلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلار بىلەنلا چەكلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.پۇقراۋىكارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بازار ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈشىگىمۇ بەلگىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ.

  پۇقراۋى ئىگىلىك دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ، شۇنداقلا ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق ساھە، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم سۇبيېكت، شۇنداقلا دۆلەت باج كىرىمىنىڭ مۇھىم مەنبەسى. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى «مىتە قۇرت» لارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىغاندىلا، ئاندىن كۆپ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  شۇڭا، پۈتكۈل جەمئىيەت پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملارنىڭ چىرىكلىشىش مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملارنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت خادىمى ئەمەسلەرنىڭ پارا ئېلىش، ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئىگىلىۋېلىش، مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، سودا مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا قارىتا، قانۇن بويىچە سوت ئېچىپ ۋە دېلو تۇرغۇزۇپ، خىيانەتچى ۋە چىرىك ئۇنسۇرلارغا قانۇن جەھەتتىن تېگىشلىك بەدەل تۆلەتكۈزۈش كېرەك.

  پۇقراۋى ئىگىلىكنى زورايتىشقا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش جايلار ۋە تارماقلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. قانۇن يۈرگۈزۈش سىستېمىسىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىشىمۇ پۇقراۋى كارخانىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خىيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىككە قەتئىي يول قويماي، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ